باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۇنمىڭ يېڭى گۈزەل قىياپىتىنى نامايان قىلماقتا (ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىدا — 100 شەھەر، 100 ناھىيە، 100 كارخانىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى)

2018.11.14 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  كۇنمىڭ كۆلىدىن ئەمدىلا ئېلىنغان سۇنى ئىلگىرى قالدۇرۇلغان سۇ ئەۋرىشكىلىرى بىلەن بىرلىكتە شىرەگە قويۇپ، ۋاقىتقا ئاساسەن رەتكە تىزغاندا، سۇنىڭ رەڭگى دۇغ ھالەتتىن سۈزۈك ھالەتكە قاراپ تىزىلىدۇ.

  كۇنمىڭلىقلارنىڭ يۇرت قايغۇسىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ سۇدا. ناچار 5-تۈردىن 5- تۈرگىچە، يەنە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدىكى 4-تۈرگىچە كۇنمىڭ كۆلى سۇ سۈپىتىنىڭ ھەر بىر ئۆزگىرىشى كۇنمىڭلىقلارنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى.

  2016-يىلىدىن بۇيان بوشاشماي تۈزەش ئارقىلىق، كۇنمىڭ كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتى مۇقىم ياخشىلىنىپ، شەھەرنىڭ ئىلگىرىكى جاراھىتى ئاستا-ئاستا شەھەرنىڭ مۈلكىگە ئايلاندى.

  «كۇنمىڭ كۆلى سۈزۈك بولسا، كۈنمىڭ شەھىرى گۈللىنەر.» پاكىز كۆل سۈيىنىڭ قايتا نامايان بولۇشى كۇنمىڭنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ تەدرىجىي راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. كۈنمىڭ شەھىرى مەۋقەنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قارىتىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى باھار شەھىرىنى قايتىدىن بېزىدى.

  كونا ھالەت يىڭى قىياپەتكە ئالمىشىپ، شەھەرنىڭ نام كارتىسى پارقىرىدى

  «50-يىللاردا، گۈرۈچ، كۆكتات يۇيغىلى بولاتتى، 60-يىللاردا راك تۇتقىلى، قورۇما قورۇغىلى بولاتتى، 70- يىللاردا سۇ ئۈزۈش كۆڭۈللۈك ئىدى، 80- يىللاردا سۇنىڭ سۈپىتى بۇزۇلدى، 90- يىللاردا ئەسلىدىكى گۈزەللىكى قالمىدى، تا بۈگۈنگىچە يەنىلا زىيانغا ئۇچراۋاتىدۇ.» لاۋيۈخې دەرياسى بويىدا، كۈنمىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋۇ تاۋ قوشاق ئارقىلىق كۇنمىڭ كۆلى سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى بايان قىلىپ، كۇنمىڭلىقلارنىڭ ئېگىزلىكتىكى كۆلنى تۈزەشتىكى جاپالىق ئىزدىنىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن باشلاپ، كۇنمىڭ شەھىرى كۇنمىڭ كۆلىنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. مەنبە بۇلغىنىشىنى تۈزەشتىن ۋادا سىستېمىسىنى تۈزەشكىچە، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، كۇنمىڭ كۆلىنىڭ «بۇلغىنىشىنىڭ ئېشىشى تېزگىنلىنىش» بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ساقلانما بۇلغىنىشنى ئازايتىش» باشلاندى.

  تەرەققىيات پىكىر يولىمۇ ئۆزگەرمەكتە ئىدى. «سۇغا قاراپ شەھەرنى بەلگىلەپ، سۇنى ئۆلچەش تەرەققىي قىلىش» بويىچە، كۇنمىڭ كۆلىنى قوغداش ۋە تۈزەش بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە «بىرىنچى قول رەھبەر» قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە، كۇنمىڭنىڭ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ ئاساسىغا ئايلاندى.

  10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، خەيگېڭ چوڭ توسمىسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكران نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، قىزىل خەت بىلەن ئەسكەرتىلگەن ئۆلچەمگە يەتمىگەن دەريا ئالاھىدە كۆزگە چىلىقتى. كۇنمىڭ كۆلى سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىشىنى ئومۇمىي نىشان قىلىپ، كۈنمىڭ شەھىرى ھەر قايسى باھالاش كەسمە يۈزىنىڭ سۇ سۈپىتى كۆرسەتكۈچىنى كەينىگە ئىتتىرىپ، «بىر دەرياغا بىر تەدبىر» سۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لايىھەسىنى تۈزدى.

  2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، كۇنمىڭدا دەريا ـ ئېقىن باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، كۇنمىڭ كۆلى ۋادىسىدىكى كۆلگە قۇيۇلىدىغان 35 ئاساسلىق دەريانىڭ ھەممىسىنىڭ دەريا باشلىقى بار بولدى. دەريا ئېكولوگىيە تولۇقلىما مېخانىزمى تۈزۈلمىسىمۇ ئورنىتىلىپ، ئىدارە قىلىش كۈچلۈك بولمىغان رايون، ناھىيەلەر قوشنا رايون- ناھىيەلەرگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بەردى، مەسئۇل رەھبەرنىڭ شەخسىي يىللىق نىشانلىق باشقۇرۇش نەتىجىسىنى باھالاشتىكى مۇكاپاتىمۇ تەڭ نىسبەتلىك كېمەيتىلدى. 2017-يىلى 4-ئايدىن 2018-يىلى 6-ئايغىچە، شەھەر بويىچە ھەرقايسى ناھىيە-رايونلارنىڭ ھېسابلاپ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك دەريا ئېكولوگىيە تولۇقلىما پۇلى جەمئىي 935 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر