باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى: شىنجاڭغا چېتىشلىق ئىشلاردا ئىغۋالارغا ئىشەنمەڭلار ۋە سۆز-چۆچەك قىلماڭلار

2018.11.14 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2018- يىلى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ماس بىلەن بىرگە جۇڭگو-گېرمانىيە دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، گېرمانىيەلىك مۇخبىرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭدىكى كەسپىي تېخنىكا مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى بولسا، جۇڭگونىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلىرى ھېسابلىنىدۇ. بىز مۇخبىر دوستلارنىڭ چوقۇم جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان ئۇچۇرلار ۋە تونۇشتۇرغان ئەھۋاللارغا، يەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن ئېلان قىلىنغان نوپۇزلۇق خەۋەرلەرگە ئەھمىيەت بېرەلىشىنى، تار كوچا خەۋەرلىرى ۋە ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىكىنى، سۆز-چۆچەكلەرگە قىزىقماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى باشقا بىرەر ئادەم ياكى بىرەر تەشكىلات ئەمەس، بەلكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بىز مۇخبىر دوستلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى چۈشىنىشلىرى ۋە ئۇنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ تىرىشچانلىقلار ئەمەلىيەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشتىكى چوڭ يۆنىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك، ھەمدە بۇ تىرىشچانلىقلار ھازىر خەلقئارانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ بىز زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدۇق. ئەگەر ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسەك، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئۇنىڭ يامراپ كېتىش تۇپرىقىدىن ئايرىۋېتەلەيمىز، بۇ، تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر