11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىكى پارتلىتىش يۈز بەرگەن جاينىڭ ئەتراپىدا، بىخەتەرلىك خادىملىرى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى تارتماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستان پايتەختى كابۇلنىڭ شەھەر رايونىدىكى بىر جايدا 12-نويابىر پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتلىتىش ھۇجۇمى ئاز بولغاندا 10 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. پارتلىتىش يۈز بەرگەندە، نەچچە يۈزلىگەن ئامما پايتەخت 2-ساقچى رايونى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى بىر مەيداندا ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، شەرقىي قىسىمدىكى غەزنى رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى تېزدىن ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن يىغىلىش ئۆتكۈزۈۋاتقانىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى