باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭشى پەرۋاز قىلماقتا (شانلىق 60 يىل − گۈزەل يېڭى گۇاڭشى)

— گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

2018.11.12 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  چېگرا رايوندىكى پىڭشياڭ 1000 يىلدىن بۇيان مۇھىم ئۆتكەل ئىدى؛ بۇرۇنقى ئۆتكەل بۈگۈنكى كۈندە تۈز يولغا ئۆزگەردى. ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۈرىدىغان، سودا گۈللەنگەن پىڭشياڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى ئون دۆلەت بىلەن ئالاقە قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم پورتقا ئايلانماقتا.

  بېيبۇ قولتۇقىدا دېڭىز بىلەن ئاسمان تۇتىشىپ، «بىر قولتۇق 11 دۆلەت»نى تۇتاشتۇرىدۇ: بىر مىنۇتتا 326 توننا مال بېيبۇ قولتۇقى پورتىدا چىقىرىلىدۇ؛ بىر مىنۇتتا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قىلىنىدىغان ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى 344 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ...

  60 يىل ئۆتتى. تاغ-دەريالار يەنىلا سۈرەتتەك گۈزەل، «بۇ تەرەپتە ئېيتىلغان ناخشىغا ئۇ تەرەپتىكىلەر جۆر بولىدىغان» تاغ ناخشىسىمۇ ھېلىھەم ئېيتىلماقتا، 60 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، گۇاڭشى يېپيېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلماقتا: مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، 2017-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 1958-يىلىدىكىنىڭ 832 ھەسسىسىگە تەڭ بولدى.

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا يۈزلەنگەن خەلقئارا چوڭ يول بەرپا قىلىنىپ، غەربىي جەنۇب، ئوتتۇرا جەنۇب رايونلىرىنى ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى بەرپا قىلىنىپ، 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرىدىغان مۇھىم دەرۋازا شەكىللەندى —

  56 مىليون گۇاڭشى ئوغۇل-قىزلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى گۇاڭشىغا يۈكلىگەن يېڭى نىشان، يېڭى بۇرچنى ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرماقتا.

  «ئىككى مورا»دىن «2-قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش»كىچە، سۈرئەتنى تېزلىتىپ يېتىشىپ ئېشىپ كېتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۆزگەردى

  بۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بىر ئەنئەنە: شاڭخەي ئاپتوموبىل شىركىتى ھەممىباپ ۋۇلىڭ شىركىتىنىڭ كارخانىسى مەيلى قەيەردە تەسىس قىلىنسۇن، يېڭى بازىنىڭ ھەممىسىدە ليۇجوۋ باش ئىشتابىدىكى مەمۇرىي ئىشخانا بىناسىغا ئوخشايدىغان كىچىك بىنا قۇرۇلىدۇ.

  شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شېن يۈنشياۋ: «بۇ بىر ئالاھىدە سىمۋول، چۈنكى باش ئىشتاب ئىشخانا بىناسى 1958-يىلى قۇرۇلغان، بۇ دەل مەركەز گۇاڭشىنىڭ سانائەت تەرەققىياتىنى قوللاشنى باشلىغان ۋاقىت ئىدى». دېدى.

  60 يىل ئىلگىرى، گۇاڭشىدا سانائەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى. 1958-يىلى 1-ئايدا، مەركەز نەننىڭدا يىغىن ئاچتى، رەئىس ماۋ زېدۇڭ يىراقتىكى ئىككى مورىنى كۆرسىتىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆلكە باشلىقى ۋېي گوچىڭدىن: ئۇ قايسى جاي، دەپ سورىدى. خىش زاۋۇتى، دېگەن جاۋابنى ئاڭلىغان رەئىس كۈلۈمسىرەپ، ئاخىرى گۇاڭشى سانائىتىنىڭ كىچىككىنە پۇرىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم، دېدى.

  ماۋجۇشى: گۇاڭشىنىڭ سانائەت تەرەققىياتى بەك ئاستا، تېزلىتىش لازىم، دېدى.

  گۇاڭشىغا ياردەم بېرىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، شاڭخەيدىن كەلگەن قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرى ليۇجوۋدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ماشىنىسازلىق زاۋۇتى قۇردى، بۇ بىنا تۇنجى بولۇپ قەد كۆتۈردى. ئۇزاق ئۆتمەي، گۇاڭشىدا ئۆزىنىڭ تىراكتورى، مىكرو يۈك ئاپتوموبىلى بار بولدى.

  1958-يىلى، ليۇجوۋ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ماشىنىسازلىق زاۋۇتىدا بارلىققا كەلگەن ليۇجوۋ مىكرو تىپلىق ئاپتوموبىل زاۋۇتى مىكرو تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا، تەرەققىياتتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن، گۇاڭشىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىدىكىلەر كارخانىنىڭ %75 پاي ھوقۇقىنى شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى، ئامېرىكا ھەممىباب ئاپتوموبىل (جۇڭگو) شىركىتى بىلەن بولغان «جۇڭگو-جۇڭگو-چەت ئەل» بىرلەشمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. گۇاڭشىدىكى كىشىلەر «بارىدىن ئەسقاتقىنى ئەلا»، دەپ ئاتىغان بۇ دادىل تەدبىر كېيىنكى «ۋۇلىڭ رىۋايىتى»نى بارلىققا كەلتۈردى: 2015-يىلى، شاڭخەي ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ھەممىباپ ۋۇلىڭ ئاپتوموبىل شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مىقدارى 2 مىليوندىن ئاشقان تۇنجى ئاپتوموبىل كارخانىسى بولۇپ قالدى. بەزىلەرنىڭ ئۆلچەپ ھېسابلىشىچە، سېتىلغان ۋۇلىڭ ئاپتوموبىللىرىنىڭ باش-ئاخىرىنى تۇتاشتۇرغاندا، يەر شارىنى ئىككى يۆگەشكە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر