باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەركىن ئىمىرباقى «2- نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى شەھەر مۇنبىرى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2018.11.12 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئاينىڭ 8- كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ماراكەشنىڭ ماراكەش شەھىرىدە جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى، ئەرەب شەھەرلىرى تەشكىلاتى ۋە ماراكەش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان « 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى شەھەر مۇنبىرى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى.

  ماراكەش ئېنېرگىيە، كانچىلىق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ ۋەزىرى ئەزىز. راباخ، ئەرەب شەھەرلىرى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەھمەد. سۈبھى، ماراكەش شەھىرى بازار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ماراكەش چوڭ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە ماراكەش-سافى چوڭ رايونىنىڭ رەئىسى قاتارلىقلار يېغىنغا قاتناشتى ھەم ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۆز قىلدى، جۇڭگو ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمىتى، ھەمدە ئەلئارا ئاپپاراتلىرىدىن، ھەم شۇنداقلا ئىلىم-پەن ئورگانلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي ئاپپاراتلىرىدىن كەلگەن 250 ۋەكىل مۇنبەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر