باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2018- يىل>>ئىسلاھات- ئېچىۋېتىلگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقى

ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى 40 «بىرىنچى»: جېڭجۇ تاۋار بېرژىسى يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلمەكتە

2018.11.12 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىشنى نۆلدىن باشلاپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تاۋار زاكاز مال پۈتۈشۈش مىقدارى دۇنيا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ % 48نى ئىگىلىگەن. ساننىڭ بۇ خىل ئۆزگىرىشى ئېلىمىزنىڭ تاۋار زاكاز مال بازىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش يولىغا بەلگە سالدى. جېڭجۇ تاۋار بېرژىسى ئېلىمىزنىڭ زاكاز مال بازىرىدىكى تۇنجى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىر مەملىكەت بويىچە 4 زاكاز مال بېرژىسىنىڭ بىرى، شۇنداقلار ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلارنىڭ بىردىنبىر بېرژىسى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىدە ناھايىتى زور تەرەققىي قىلدى، بازار ئوبوروتىغا كىرگەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، لېكىن باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەش ۋە شىددەت بىلەن چۈشۈش، سېتىۋېلىش قىيىن ۋە سېتىشمۇ قىيىن بولۇشتەك ئەھۋال ئالمىشىپ پەيدا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلدى. بۇ بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، زاكاز مال سودىسىنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى، جېڭجۇ تاۋار بېرژىسى مۇشۇنداق پەيدا بولغان.

  1988- يىلى، جېڭجۇدا ئاشلىق-ماي زاكاز مال بازىرى تەتقىقات تېمىسى گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. 1990- يىلى 7- ئاينىڭ 27- كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سىناق تەرىقىسىدە جېڭجۇ ئاشلىق توپ سېتىش بازىرى قۇرۇلدى؛ شۇ يىلى 12- ئۆكتەبىر، ئىسلاھاتتا يېڭى ئىزدىنىش ۋە جۇڭگودا تۇنجى مەركەز ئاشلىق توپ سېتىش بازىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن --جۇڭگو جېڭجۇ ئاشلىق توپ سېتىش بازىرى قۇرۇلدى. 1993- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى، جېڭجۇ ئاشلىق توپ سېتىش بازىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئاساسىدا، خېنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت جېڭجۇ تاۋار بېرژىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى؛ شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 28- كۈنى، جېڭجۇ تاۋار بېرژىسى بۇغداي، كۆممىقوناق، دادۇر، كۆك ماش ۋە كۈنجۈت قاتارلىق بەش تۈردىكى زاكاز مال سودىسىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويدى.

  جېڭجۇ تاۋار بېرژىسىنىڭ كېڭەش باشلىقى چېن خۇاپىڭ مۇنداق دېدى: قۇرۇلغاندىن بۇيان، جېڭجۇ تاۋار بېرژىسى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، خەلقئارادىكى ئىلغار تەجرىبىلەردىن ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، زاكاز مال بازىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جېڭجۇ تاۋار بېرژىسى جۇڭگودىكى تۇنجى ھەقىقىي مەنىدىكى زاكاز مال سودا قائىدىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى-- جۇڭگو جېڭجۇ تاۋار بېرژىسى زاكاز مال سودىسىنىڭ قائىدىسى، تۇنجى ئېلېكتىرونلاشقان سودىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر