بۇ، 12- نويابىر كورېيە پايتەختى سېئولدا تارتىلغان 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورېيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ نەق مەيدانى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورېيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 12- نويابىر كورېيە سېئۇل ئولىمپىك مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، مىڭغا يېقىن جۇڭگو-كورېيە كىنو ساھەسىدىكى زاتلار قاتناشتى. بۇ نۆۋەتلىك كىنو فېستىۋالى جۇڭگو-كورېيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالى تەشكىلىي كومىتېتى يەنە جۇڭگو خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش مەركىزى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا، جۇڭگو-كورېيە ئىككى دۆلەت كىنو ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش مەقسەت قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى