بۇ، مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ 2017-يىلىدىكى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بوكس تۈرى 69 كىلوگراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە چېمپىيون بولغان ۋاقتى. بۇ ھەم ئۇنىڭ ئۇدا ئۈچ قېتىم مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىشى.
مەمەتتۇرسۇن چوڭ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى داڭلىق بوكس ماھىرى، ئۇ نۆۋەتتە دۆلەت ئەرلەر بوكس كوماندىسىنىڭ 69 كىلوگىراملىقلار تۈرى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندىكى كوزۇر ماھىر، ئۈچ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونى، 2006-يىللىق دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 5-لىككە ئېرىشكۈچىسى، 2011-يىللىق ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ۋە باشقا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپ قېتىملىق لەۋھە تالىشىش ۋە بوكس تەكلىپ مۇسابىقىلىرىنىڭ چېمپىيونى. ئۇ ھازىرغا قەدەر،دۆلەت ئىچىدىكى ھەر تۈرلۈك بوكس مۇسابىقىلىرىدە 21 قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.
مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئابدۇشۇكۈر مىجىت، ئابدۇراخمان ئابلېكىم ۋە باشقا شىنجاڭ بوكسچىلىقى تارىخىدىكى نادىر ئەزىمەتلەرگە ئوخشاش شىنجاڭ خەلقى ياقتۇرىدىغان، ياخشى بىلىدىغان، شىنجاڭ بوكسچىلىقى ئۈچۈن كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ماھىر.