خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12- نويابىر چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندىكى ھەر ساھەنىڭ دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن يەنىلا ئالاھىدە ئورۇن ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، بۇ ئىككى جاي يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇرسا بولىدۇ. مەن شياڭگاڭلىق ۋە ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ داۋاملىق تۈردە سەمىمىي ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇھەببىتى ۋە باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش روھى بويىچە، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملىقىغا يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى دەۋر سەھىپىسىنى بىرلىكتە يېزىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
كۆرۈشۈشتە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن ۋە زىيارەت ئۆمىكىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ يولى، ھەمدە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»قا بولغان يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشى قاتارلىقلارنى ئىپادىلىدى. ئۇلار، ئەگەر دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشى بولمىغان بولسا، شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى بولمىغان بولاتتى، دېدى. ئۇلار يەنە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشىغا ھەمدە تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش جەريانىدا ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىش ھېكايىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ھەم شۇنداقلا دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشى ھەمدە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى ھەققىدە پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىشتى. نەق مەيداندىكى كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولدى.
شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل - ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى. بۇ پۇرسەتتە، بىز شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندىكى ھەر ساھە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنى ئىچكى جايلارنى زىيارەت ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ كېلىشىگە تەكلىپ قىلىمىز، شۇنداقلا بۈگۈنكىگە ئوخشاش كۆرۈشۈشلەر، سۆھبەتلەر ۋە ئالماشتۇرۇشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ شياڭگاڭلىق ۋە ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە ئوينىغان رولى ۋە تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيمىز. كۆپچىلىك ناھايىتى ياخشى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بىز بۇلاردىن، كۆپچىلىكنىڭ چىن قەلبى ۋە سەمىمىي ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇھەببىتىنى ھېس قىلالايمىز، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشىغا بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى ئېتىراپ قىلىشلىرىنى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىغا بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى ئېتىراپ قىلىشلىرىنى، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننىڭ ۋەتەن بىلەن تەقدىرداش ئىكەنلىكى ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىش مۇناسىۋىتىگە بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى ئېتىراپ قىلىشلىرىنى ھېس قىلالايمىز، شۇنداقلا، كۆپچىلىكنىڭ ۋەتەن بىلەن شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ھېس قىلالايمىز. كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر-تەكلىپلەر ناھايىتى ياخشى بولدى، بىز بۇلارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىمىز.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى يەكۈنلىگەندە، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە، شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ ئورنى يەنىلا ئۆزگىچە، شياڭگاڭلىق ۋە ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ قوشقان تۆھپىسى زور، ئوينىغان رولىمۇ ناھايىتى چوڭ. بۈگۈن مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ھەممەيلەن نۇرغۇنلىرى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىچكى جايلارغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرگەن، ھەم پۇل ئىئانە قىلىپ مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىجتىمائىي جامائەتچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. مەن مۇشۇ پۇرسەتتە، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشى ھەمدە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ ۋە قاتنىشىپ كەلگەن شياڭگاڭلىق ۋە ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارغا ھەم شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەربابلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ھەم ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى