باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لياۋنىڭدا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىلىپ، تىجارەت مۇھىتى ياخشىلاندى (شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە — يېڭى دەۋر، يېڭى نەتىجە، يېڭى سەھىپە)

ئالدىنقى 10 ئايدا، ئۆلكە بويىچە يېڭىدىن تىزىملانغان تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى 540 مىڭغا يېقىنلاشتى

2018.11.12 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  سى چۇنلەن بىر تېلېفون بىلەنلا، بەش يىلدىن بۇيان نېسى قالدۇرۇلغان قۇرۇلۇش پۇلىنى قايتۇرۇۋالدى. 11- ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۇ مۇخبىرغا: «ھازىر دىرىنى قايتۇرۇپ بولدى، ئالدىنقى كۈنى بىز ئۆسۈم قايتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدۇق»، دېدى.

  2013-يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، سى چۇنلەن باش دىرېكتور بولغان يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى خۇاڭگۇ رايونلۇق شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن توختام ئىمزالاپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يورۇتۇش قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇپ، 6 مىليون 500 مىڭ يۈەن قۇرۇلۇش پۇلىنى تۆلەپ تۇردى. كىم بىلسۇن، بۇ تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پۇلنى بەرمىدى.

  «شىركەتنىڭ بىر يىللىق قۇرۇلۇش پۇلى 10 مىليون يۈەن ئەتراپىدا، بۇنچە كۆپ پۇلنى بەرمىگەنلىكى بىزنى ئىشىكنى تاقاشقا قىستاش ئەمەسمۇ». بەش يىلدىن بۇيان، سى چۇنلەن ھەر ئايدا دېگۈدەك بېرىپ پۇلنى سۈيلىدى.

  سى چۇنلەن: «ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئىش تۈگىسىلا، مەن لياۋنىڭدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئويلايتتىم»، دېدى.

  بۇ يىل 4-ئايدا، سى چۇنلەن ئاخبارات خەۋىرىدىن لياۋنىڭدا ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش پۇلىنى قايتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدى. «ئۆلگەن جاندىن ئۈمىد كۈتۈش» دېگەندەك، ئۇ ئۆلكىلىك سودا مۇھىتى قۇرۇلۇش نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئەرز-شىكايەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلدى. بىر سائەتتىن كېيىن، بۇ ئىدارىنىڭ خىزمەتچىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشتى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، خۇاڭگۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت قەرز قايتۇرۇش پىلانى تۈزدى.

  بۇ يىل يانۋاردىن باشلاپ، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ھۆكۈمەتنىڭ لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق تۈزەپ، ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش پۇلىنى نېسى قىلىش، ۋاقتىدا يەر بىلەن تەمىنلىمەسلىك قاتارلىق «كونا ھېسابات»لارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى ھەمدە «بىر ئىشقا بىر تەدبىر» بويىچە ئۆزگەرتىش پىلانى تۈزدى. «يېڭى ھېسابات» پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جايلاردىن %30تىن ئارتۇق يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. ھازىرغا قەدەر، ئۆلكە بويىچە جەمئىي قايتۇرۇلغان ھۆكۈمەت قەرزى 11 مىليارد 150 مىليون يۈەنگە، تاللاپ تەكشۈرۈلگەن تۈر 2298كە يەتتى، توختام تېخى ئادا قىلىنمىغانلىقى بايقالغان 142 تۈرنى داۋاملىق ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  ئەمەلىيەتتە، بۇ پەقەت لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشتىكى بىر قاتار تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. 2016-يىلى 12-ئايدا، لياۋنىڭدا شەرقىي شىمال بويىچە تۇنجى سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشى قېلىپلاشتۇرۇلغان ئۆلكە دەرىجىلىك يەرلىك نىزام — «لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى» ئېلان قىلىنىپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش تاماملاندى.

  2017-يىلى 3- ئايدا، بىر ئىشتاتنىمۇ كۆپەيتمەي، بىر ئادەمنىمۇ قوشماي، ئەسلىدىكى كارخانا مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك سودا مۇھىتى قۇرۇلۇش نازارەتچىلىكى ئىدارىسى قۇرۇلدى. ئەرز قوبۇل قىلىش، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش، ئاشكارىلاش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش — بۇ ئىدارىنىڭ «تۆت چوڭ ئۆتكۈر قورالى»غا ئايلاندى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 39 سەلبىي دېلو ئاشكارىلىنىپ، 178 مەسئۇل كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يەنە تەرەققىيات مۇھىتى ئەڭ ئەۋزەل ئۆلكە بەرپا قىلىش نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئەڭ ئەۋزەل بولۇشنى نىشانلاپ، «ئاغرىش نۇقتىسى»غا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش» ۋە «ئىش بېجىرىش قىيىن بولۇش»نى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇردى؛ «بىراۋان نۇقتا»غا ھۇجۇم قىلىپ، سودا مۇھىتىدىكى «بىر يۈرۈش ئۆلچەم، بىر جەريان، بىر كۆزنەك، بىـر تور، تۈرنى بىر قېتىملا تەستىقلاش»تىن ئىبارەت «بەش بىر قۇرۇلۇشى»نى قۇردى؛ «توسۇلۇپ قالىدىغان نۇقتىلار»نى راۋانلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، سۆھبەتلىشىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزملارنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈردى؛ «مۇھىم نۇقتا»نى نىشانلاپ، سودا مۇھىتىنى باھالاش سىستېمىسىنى تەسىس قىلدى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىسى يەنە كارخانىلارغا پايدا يەتكۈزۈپ، خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. مەسىلەن، بىرلىككە كەلگەن مەمۇرىي تەستىقلاش ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت تۈرلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، كارخانا، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە مۇناسىۋەتلىك 253 تۈرلۈك ئىسپات ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ياكى تەڭشەلدى، قوش دەم ئېلىش كۈنى يوق، ئارام ئالمايدىغان كۆزنەك مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى...

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر