خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13-نويابىر دۆلەت مۇزېيىغا بېرىپ، «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش — ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جاپاغا چىداپ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىككى قولى بىلەن دۆلەت ۋە مىللەتلەر تەرەققىياتىنىڭ سەلتەنەتلىك داستانىنى يېزىپ چىقتى، بىپايان جۇڭخۇا زېمىنىدا جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ئۇلۇغ ئۆزگىرىش يۈز بەردى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى، بىز پەقەت يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتسەكلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدۇ. كۆرگەزمە ئارقىلىق كەڭ كادىرلار، ئاممىنى تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز؛ پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش لۇشيەنى، فاڭجېنلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ توغرىلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز؛ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا مېڭىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز، لازىم.
لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار دۆلەت مۇزېيىغا كېلىپ، كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ كۆرگەزمىنى كۆردى. كۆرگەزمىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي تېما قىلىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق مۇساپىسى چىڭ تۇتۇپ ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي چوڭقۇرلۇقى، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى چىڭ تۇتۇپ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ ئالتە باش تېما كۆرگەزمە رايونى لايىھەلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ شانلىق مۇساپىسى، ئۇلۇغ نەتىجىلەر، قىممەتلىك تەجرىبىلەر كۆپ نۇقتىدا، تولۇق كۆرۈنۈشلۈك مەركەزلەشتۈرۈپ نامايان قىلىنىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى نامايان قىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشتىكى سىياسىي جاسارىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى