باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13- نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاقە تورىنى ئىدارە قىلىش مۇنبىرى »تور ئىشەنچىسى»گە دىققەتنى مەركەزلەشتۈردى

2018.11.14 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- نۆۋەتلىك ب د ت ئالاقە تورىنى ئىدارە قىلىش مۇنبىرى 12- چېسلا پارىژدىكى ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سىياسىي ساھە، سودا ساھەسى، ئىلىم ساھە ۋە غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلاردىن كەلگەن 3000 دىن ئارتۇق ۋەكىل تور ئىشەنچىسى ۋە بىخەتەرلىكى، سانلىق مەلۇماتلار مەخپىيىتى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى.

  مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ توردىكى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، رەقەم ساھەسىدە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تور تەرەققىياتى جەھەتتىكى پەرقلىرىنى كىچىكلىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بۇ قېتىمقى مۇنبەر يىغىنى 14- نويابىرغىچە داۋاملىشىدۇ. ب د ت ئالاقە تورىنى ئىدارە قىلىش مۇنبىرى 2006- يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى بولسا، پايدىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئالاقە تورىغا مۇناسىۋەتلىك جامائەت سىياسىتى جەھەتتە مۇھاكىمە ۋە سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر