باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى 40 خىل «بىرىنچى»: كىرېدىت كارتىسى پۇل تۆلەشنىڭ «يېڭى دۇنيا»سىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى

2018.11.13 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر پورتمانىنى ئاچسا، ئىچىدىكى ئالىيېشىل ھەر خىل كىرېدىت كارتىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، مۇشۇ كارتىلارنى سۈركەپلا پۇل تۆلىگىلى بولىدۇ. لېكىن، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، كىرېدىت كارتىسى كىشىلەردە ئاز كۆرۈلىدىغان بىر نەرسە ئىدى، كىمدە بىر كىرېدىت كارتىسى بولسا، ياكى كىم كىرېدىت كارتىسى ئىشلەتسە، شۇ ئادەم كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىناتى.

  بىرىنچى پارچە كىرېدىت كارتىسى جۇڭگو بانكىسىدا دۇنياغا كەلگەن ئىدى. ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، نۇرغۇن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرمۇ جۇڭگوغا ساياھەتكە كېلىپ، كىرېدىت كارتىسىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى بىر تۆلەش ۋاسىتىسىنى ئېلىپ كەلگەن. جۇڭگو بانكىسى شۇ چاغدا دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بىردىنبىر تاشقى ئوبوروت بانكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ پۇل تېگىشىش كەسپىنى بېجىرىشكە مەسئۇل ئىدى؛ جۇڭگو بانكىسىنىڭ گۇاڭدۇڭ شۆبىسى كەينى-كەينىدىن خۇيفېڭ بانكىسى بىلەن ئامېرىكا ئېكسپىرس شىركىتى ئارىسىدا كىرېدىت كارتىسى ئارقىلىق پۇل ئېلىش كەسپىگە ۋاكالەتچىلىك قىلىش توغرىسىدا ئىمزا قويۇشتى.

  چەتئەل كىرېدىت كارتىسىغا ۋاكالەتچى بولۇشتىكى ئالتە يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى جۇغلاش داۋامىدا، جۇڭگو بانكىسى كىرېدىت كارتىسىنىڭ كەسپىي تەرتىپى ۋە مەشغۇلات ئەندىزىسىنى تامامەن ئىگىلەپ بولدى، ئۆز ئالدىغا كىرېدىت كارتىسى تارقىتىشنى باشلاشنى قارار قىلدى. 1985- يىلى، جۇڭگو بانكىسىنىڭ جۇخەي شۆبىسى مەملىكەت ئىچىدىكى تۇنجى بىر پارچە خەلق پۇلى كىرېدىت كارتىسى- "جۇڭگو بانكىسى كارتىسى"نى تارقاتتى، 1986- يىلى، جۇڭگو بانكىسى يەنە مەملىكەت دائىرىسىدە ئىشلىتىشكە بولىدىغان تۇنجى كىرېدىت كارتىسى - "سەددىچىن كارتىسى"نى تارقاتتى.

  كارتا تارقىتىش پەقەت بىرىنچى قەدەم، ئەمما ئۇنىڭدىكى ئاچقۇچ بولسا يەنىلا ئەسلىھەدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭ يوللىرىدا. باشتا، دۆلەت ئىچىدىكى سودىگەرلەر بۇ خىل يېڭىچە چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلالمىغان ئىدى، كىرېدىت كارتىسى ئىشلىتەلەيدىغان سودىگەرلەر كۆپ ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت ئىچىدە POS ماشىنىسى يوق ئىدى، كارتا ئىشلىتىش قولايسىز ئىدى. ئەينى چاغدىكى بانكا كارتىسىنىڭ تەييارلىق كۆرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا ئەزاسى شيې شۆفېڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئۇ چاغدا بانكا كارتىسىنىڭ ئىشلىتىلىش تەرتىپى بىر قەدەر مۇرەككەپ ئىدى، يەنى، خېرىدارلار كارتىنى ئىشلىتىپ ئىستېمال قىلماقچى بولغاندا، بانكىغا ئالدىن تېلېفون بېرىپ سورىۋېلىپ، كارتا نومۇرى ۋە خېرىدارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى تەكشۈرتكەندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتەلەيتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى ۋاقىتتا كومپيۇتېر بولمىغاچقا، ھەممىنى قول بىلەن يازاتتى، شۇڭا، كارتا بىلەن ئىستېمال قىلىش ئەمەلىيەتتە نەق پۇل ئىشلىتىشكە قارىغاندا بەك ئاستا بولاتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر