باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىسادشۇناس ئاقىللار ئامبىرىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە :

زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى جۇڭگولۇقلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە ئەڭ ئۈمىدۋار ئىكەن

2018.11.13 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە ئىقتىسادشۇناس ئاقىللار ئامبىرىنىڭ 12- يانۋار ئېلان قىلغان يەر شارى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى جۇڭگولۇقلار كەلگۈسىگە ئەڭ ئۈمىدۋار ئىكەن . ئىقتىسادشۇناس ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، دۇنيادىكى 50 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجىنى قانداق قاندۇرۇشى، ھەم پۇقرالارنىڭمۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان قارىشى، ھەمدە بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ پۇقرالار ئارزۇ قىلىدىغان جەمئىيەت ئىستىقبالى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قانداق قارايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلدى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇلار بايقالدىكى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاسىيا-ئافرىقىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىدىكىلەر دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ رازى ئىكەن. جۇڭگو، ھىندونېزىيە ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەردىكى %70دىن ئارتۇق پۇقرالار دۆلىتىمىز شۇنداق ياخشى تەرەققىيات قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىكەن، لېكىن، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەدە بۇ خىل كۆز قاراشتا بولغانلارنىڭ نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %38، %12، %12 ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى جۇڭگولۇقلارنىڭ %91.4ىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو كەلگۈسى 10 يىلدا داۋاملىق ئالغا بېسىپ، تېخىمۇ گۈزەل جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ، دەپ قارايدىكەن.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر پەن-تېخنىكا بىلەن تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرماقتا، ھىندىستان ۋە جۇڭگو سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھالقىما رەۋىشتىكى يېڭىلىق يارىتىشى ئافرىقا خەلقىنىڭ ئۇل ئەسلىھە چەكلىمىسىنى يېڭىشىگە پايدىسى بولغان. زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا، تېخنىكىنىڭ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشىگە قارىتا ئەڭ كۈچلۈك تونۇشتا بولغانلارنىڭ نىسبىتى جەنۇبىي ئافرىقىدا %38ىنى ئىگىلەيدىكەن، تايلاند ۋە ۋىيېتنامدا %32نى ئىگىلەيدىكەن، ھىندونېزىيەدە بولسا، %34ىنى ئىگىلەيدىكەن. ئەمما، تېخنىكا كۆجۈملەشكەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر سۈپىتىدىكى كورېيە، گېرمانىيە ۋە كانادا قاتارلىقلاردا بولسا، بۇ نىسبەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا %11، %6.9 ۋە %5.7نى ئىگىلەيدىكەن.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، داۋالىنىش مەسىلىسى بولسا، ھەرقايسى ئەللەر پۇقرالىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئىكەن، ئۇنىڭدىن قالسا، ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، ئاممىۋى تەرتىپ، قاتناش ۋە مۇھىت قاتارلىقلار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر