باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئالاقە تورى ئىشىدا تور سۈرئىتىنى 5G تورىغا يۈكسەلدۈرۈشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ھازىرلاندى

2018.11.13 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدە ماڭسا، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ئىختىيارسىز ھالدا يان تېلېفونىدا سۈرەتكە تارتىدۇ، ئاندىن ئۇ سۈرەتلەرنى دوستلار چەمبىرىكى ۋە مىكرو بلوگغا يوللايدۇ؛ بەزى تور ماھىرلىرى يەنە ھەر خىل ۋىدېئو تور پونكىتىدا بىۋاسىتە ئاڭلىتىدۇ − بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇش»نىڭ بىپايان دبڭىز ئۈستىدە 4Gلىق سىمسىز سىگنالىنىڭ تولۇق قاپلىشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنىڭ پايدىسى.

  ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 55 كىلومېتىر كېلىدىغان شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى دېڭىز ھالقىغان كۆۋرۈكلەر ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ. ئالاقە تورى سودىگىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ چوڭ كۆۋرۈكنىڭ سىمسىز ئالاقە تورىنى قۇرغان جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ جۇڭگو بازىرى سىمسىز تور مەھسۇلاتلىرى تىجارىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى فاڭ جېڭ 11- نويابىر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى بۇ ئىككى تەرەپ بىرلىكتە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور، سىگنال مۇھىتى ناچار ۋە چوڭ كۆۋرۈك تالا ئۆزىكى بايلىقى قىس بولۇشتەك بىر قاتار تېخنىكىلىق قىيىن نۇقتىلىرىنى ھەمكارلىشىپ يېڭىپ، شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ 4Gلىق سىمسىز تور بىلەن قاپلانغان زاكازلىق ئۇنىۋېرسال ھەل قىلىش لايىھەسىنى شەكىللەندۈردى، ھەم كەلگۈسىدە ئۇنى 5Gلىك سىمسىز تور سەۋىيەسىگە يۈكسەلدۈرۈشنى يېتەرلىك تېخنىكا زاپىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر