باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» فىلىمى قوشماق تۇغقانلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولدى

2018.11.13 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) ئىككى يىلدىن بۇيان تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن، شىنجاڭدا تۇنجى ئىشلەنگەن چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلۇپ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زور تەسىر قوزغىدى. بۇ فىلىمدە تۇرمۇشنىڭ رەڭدارلىقى، گۈزەللىكلىكى ھەم رومانتىكلىقى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، شىنجاڭدا داۋاملىشىۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. نۇرغۇن تاماشىبىن ئۆزى بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن بۇنداق ياخشى فىلىمدىن تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ھۇزۇرلىنىشنى توغرا تېپىپ، ھەر مىللەتتىن بولغان تۇغقانلىرىنى باشلاپ بۇ فىلىمنى قايتا كۆرۈشكە باردى. بۇنداق ياخشى ئىشتىن خەۋەر تاپقان، فىلىمدە باش رول ئالغان گۈلمىھرە مەمەت 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالايىتەن ئۈرۈمچى يەنئەن يولىغا جايلاشقان «رۈيدا» كىنوخانىسىغا بېرىپ، كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى ھەم ئۇلارغا بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى گۈزەل ھېكايىلىرىنى، مۇشۇ فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان فىلىمدىكى ياشلارنىڭ گۈزەل ئاپىسى، گۈزەل دادىسى بولغان فىلىم رېژىسسورلىرى يەن چىڭشيۇ، يۈدې ئەنلەر بىلەن بولغان تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئېيتىپ بەردى. قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىپ بىر-بىرلىرىگە يېقىندىن ھەمدەم بولۇپ كېلىۋاتقان ھەر مىللەت تۇغقانلار بۇ تەسىرلىك ھېكايىنى ئاڭلاپ بىر-بىرلىرىگە مەنىلىك قاراپ قويۇشتى ھەمدە فىلىمنى تەڭ كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرى، نەپىس ئۇسسۇللىرى، گۈزەل قىز-يىگىتلىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ، تەسىرلىك ھېكايىدىن تەڭ بەھرىلەندى.

  بۇ فىلىم قويۇلغاندىن باشلاپ-تا ھازىرغىچە فىلىمنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ھەر قايسى كىنوخانىلاردا كۆرۈلۈشى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، نۇرغۇن كىنو زاللىرىدا بوش ئورۇن قالمىغان. «يىڭخې» شادلىق كىنو شەھەرچىسى «رۈيدا» كىنوخانىسىنىڭ باشلىقى لۇ چىڭگۇاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن كىنوخانىغا مەخسۇس مۇشۇ فىلىمنى كۆرگىلى كېلىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ بولغان. بەزى كۈنلىرى بىر كۈندە 24-25 مەيدان مەخسۇس «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» فىلىمىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ فىلىم يەنە ئەتراپتىكى ئاھالىلەر كومىتېتىدىكىلەرنى جەلپ قىلىپ، نۇرغۇنلىغان تۇغقانلاشقان قېرىنداشلارنى كۈتۈۋالغان. فىلىم قويۇلۇۋاتقىنىغا ئون كۈندىن ئاشقان بولسىمۇ، يەنىلا بۇ فىلىمنى كۆرگىلى كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن.

  بۇ فىلىمنىڭ ئىجرائىيە فىلىم مەسئۇلى، «داسىن» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى نۇرسىمان ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: بۇ گەرچە ناخشا-ئۇسسۇللۇق كىچىك تىپتىكى فىلىم بولسىمۇ، كىنورىمىزدا شىنجاڭنىڭ ياخشى تۇرمۇشى، گۈزەل تاغ-دەريالىرى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى ناخشا-ئۇسسۇل، گۈزەل كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق مۇھەببەت ھېكايىسىدە ئەكىس ئەتكەنلىكى، مۇھىمى مەملىكىتىمىزگە تونۇلغان ئۇسسۇل ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئارتسىلىرىمىزدىن گۈلىمھرە مەمەت، ئۈمىد ئوبۇل، جىن شىڭ ئۇستاز رول ئېلىپ، فىلىمنىڭ جەزبىدارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى، كىنوچىلىق ساھەسىدىكى داڭلىق رېژىسسورلار ۋە داڭلىق فىلىم ئىشلىگۈچىلەردىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ قوشۇننىڭ بۇ فىلىم ئۈچۈن كۆپ قان-تەر سىڭدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئادەتتە ئاز سانلىق كۆرۈرمەنلەر بىلەنلا چەكلىنىدىغان ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم بۇ قېتىم مەملىكىتىمىز ساھەسىدە خېلى غۇلغۇلا قوزغىدى، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇق ھەم شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم ئىشلەشكە ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتۇق.

  شەھەر ئاھالىسى ماھىرە مۇنداق دېدى: مەن بۇ فىلىمنى دەسلەپتە بىر قېتىم كۆردۈم، بۇ قېتىم تۇغقىنىمنى ۋە ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ يەنە بىر قېتىم كۆرگىلى كەلدىم، بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن ھەقىقەتەن بەك ئالقىشلاندى، ھەر قايسى تور بەتلىرى بولسۇن، دوستلار چەمبىرىكى بولسۇن مۇشۇ فىلىمنى كۆرگەن تاماشىبىنلارنىڭ چىقارغان سىنلىرى بىلەن توشتى، بۈگۈن مېنىڭ تۇغقىنىممۇ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا توختىماي سىنغا ئېلىپ، ئىچكىردىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئەۋەتىپ، بىزنىڭ شىنجاڭ گۈزەلمىكەن، قىز-يىگىتلىرى، ناخشا- ئۇسسۇللىرىچۇ؟ دەپ ماختىنىپ كەتتى. مەن بۈگۈن گۈلمىھرەنىڭ ئاغزىدىن ئۇنىڭ فىلىم ئىشلەشتىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ، كۆزۈمگە ياش كەلدى، ئۇ ھازىر بېيجىڭغا بارسىلا رېژىسسور ئاپىسى-دادىسىنى چوقۇم يوقلايدىغانلىقى، گۈزەل ئاپا-دادىسىنىڭ ئۇ ئەڭ ياقتۇردىغان قىسقۇچپاقىنى مەخسۇس سېتىۋىلىپ، پىشۇرۇپ تەييار قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ تەسىرلەندىم. بۇ فىلىم ھەر مىللەتتىن تەشكىللەنگەن چوڭ قوشۇننىڭ ھەمكارلىقىدا شۇنچە گۈزەل، جەزبىدار چىققانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر