باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خوتەن ۋىلايىتىدە 1 مىليون 700 مىڭ دېھقان-چارۋىچى ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى

2018.11.13 15:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چېن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىن، خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجانباغ يېزىسى چاكەش كەنتىدىكى دېھقان خەيرىنساخان نۇرمەمەت يېڭى سېلىنغان 60 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدە مۇخبىرغا: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدە بىز يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى.

  46 ياشلىق خەيرىنساخان كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، ئىلگىرى بىر ئائىلىدىكى بەش جان كىشى 40 كىۋادراتمۇ كەلمەيدىغان كېسەك تاملىق ئۆيدە ئولتۇراتتى. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە، بۇ يىل ئۇنىڭ ئائىلىسى 33 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئۆي سېلىش تولۇقلىمىسىغا ئېرىشىپ، يېڭى ئۆيىنى ناھايىتى تېزلا پۈتكۈزۈۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «چوڭ قىزىم ھۆسن تۈزەش، ساتىراشلىقنى ئۆگىنىۋاتىدۇ، يەنە ئىككى بالام باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇيدۇ. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە، يېڭى ئۆيۈمنىڭ يېنىغا <خالنۇر تۈرلۈك ماللار دۇكىنى> ئېچىۋالدىم». تۇرمۇشىدىكى ھەقىقىي ئۆزگىرىش خەيرىنساخاننى بەكلا خۇش قىلىۋەتكەنىدى.

  خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېزىلاردىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى 2011- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، 2018- يىلىغا كەلگەندە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدىن جەمئىي 417 مىڭ يۈرۈشتىن كۆپرەك سېلىنىپ، جەمئىي 22 مىليارد 903 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، 1 مىليون 700 مىڭدىن كۆپرەك دېھقان- چارۋىچى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى.

  خوتەن ۋىلايىتى باشتىن- ئاخىر يېزىلاردىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت دەرىجە بويىچە نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئاساسلىق رەھبەر ئومۇميۈزلۈك تۇتۇش، مەسئۇل رەھبەر كونكرېت تۇتۇش، باشقا رەھبەرلەر ھەمكارلىشىپ تۇتۇش، ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى كىشى بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش» خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. قۇرۇلۇش ۋاقتىغا تەتۈر ساناق ۋاقتى بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر ھەپتىدە قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، ئەھۋالنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، قۇرۇلۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم يېزىلاردىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتتى.

  خوتەن ۋىلايىتى يەنە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتتى، ناھىيە، شەھەردە ئۈلگە كۆرسىتىش، يېزا- بازارلاردا يارقىن نۇقتا يارىتىش، كەنت- گۇرۇپپىلارنى تۇتاشتۇرۇش، ھەممە ئائىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇش تەلىپى بويىچە، ناھىيە، شەھەر، يېزا- بازار، مەمۇرىي كەنتنىڭ يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن دېھقانلارنى ئەسلىدىكى خەتەرلىك كونا ئۆيلىرىنى چېقىۋېتىشكە سەپەرۋەر قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى، بۇ يىل 10- ئايغىچە، يېزىلاردىكى 259 مىڭ 400 خەتەرلىك كونا ئۆي چېقىۋېتىلدى. يېزىلاردا يېڭىدىن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىشتا، ئۆي سالىدىغان دېھقاننىڭ ئۆيلۈك يېرى، قۇرۇلۇش ئېھتىياجى، ئائىلە ئەزالىرى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، «بىر ئائىلىگە بىر لايىھە»نى يولغا قويدى، ھويلا تۇرمۇش رايونى، باقمىچىلىق رايونى، تېرىقچىلىق رايونىنى قايتىدىن پىلانلاپ، «ئاشخانا ئىنقىلابى» «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» «مۇنچا ئىنقىلابى» «كىيىم ئىشكاپى ئىنقىلابى» ۋە يېزىلاردىكى ھويلا- ئارانلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىقتىدارىغا، كەسىپلەرنىڭ ئارقىدا قالماسلىقىغا، سۇ، توك، ئاشخانا، ھاجەتخانا، مۇنچا قاتارلىق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشلۈك تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  يېڭىدىن سېلىنغان قاتار- قاتار ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىنىڭ پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى ۋە تۇرالغۇ سۈپىتىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولدى، يېڭى پۇقرالار تۇرالغۇلىرى، يېڭى مۇھىتنى بەلگە قىلغان يېڭى يېزا قىياپىتى بارلىققا كېلىپ، يېڭى ئۆي سېلىپ، يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىدىغان خۇشاللىنارلىق مەنزىرە بارلىققا كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر