خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شاڭخەيدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىپ، شەھەرلەرنىڭ دەرىجىسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش لازىم.
11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چياڭ ۋە شەھەر باشلىقى يىڭ يوڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، شاڭخەيدىكى كارخانىلار، مەھەللىلەر، شەھەر قاتنىشى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مەركىزى، يۇقىرى يېڭى پەن-تېخنىكا رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، شەھەر باشقۇرۇش ۋە مەھەللە تۈزەشنى كۈچەيتىش جەھەتلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
لۇجيازۈيگە جايلاشقان شاڭخەي مەركىزىي بىناسىنىڭ ئومۇمىي ئېگىزلىكى 632 مېتىر كېلىدۇ، بۇ بىنا قۇرۇلۇشى جۇڭگو بويىچە بىرىنچى، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئېگىز بىنا بولۇپ، شاڭخەيدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى. 2007-يىلى، شى جىنپىڭ شاڭخەيدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، شاڭخەي مەركىزىي بىناسى قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، لۇجيازۈي رايونىغا كۆپ قېتىم بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان، لۇجيازۈي رايونىنىڭ يىرىك پىلانىنى ئۆزى تەتقىق قىلىپ، شاڭخەي مەركىزىي بىناسىنىڭ لايىھەسىنى ئۆزى بېكىتىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي مەركىزىي بىناسىنى يېشىل، ئەقلىي، ئادىمىيەتلىك، دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئېسىل قۇرۇلۇش قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىنانىڭ 22- قەۋىتىدىكى لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت مەركىزى — لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە سودا رايونى پارتكومى قۇرغان ئۇنىۋېرسال بىنا پارتىيە قۇرۇلۇشى بازىسى ئىدى.
6-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ بوشلۇقتىكى گۈللۈك مۇھاكىمە رايونىدا، ئۈچ كارخانىنىڭ پارتىيە ياچېيكىلىرى بىرلىكتە «مەن ۋە پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسىنىڭ بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىشى» ئاساسىي تېمىسىدىكى پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان بولۇپ، شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كېلىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى. شى جىنپىڭ شاڭخەي لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسىنىڭ كەسىپلەر توپلاشقان، كارخانىلار مۇجەسسەملەنگەن، ئىختىساسلىقلار كەڭ توپلانغانلىقتەك ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ پىكىر يولى ۋە ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بىنا ئىچىدىكى ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئۈچۈن ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەتنى باشقۇرۇش، پائالىيەت سۇپىسى بىلەن تەمىنلەشتەك ئۇسۇلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ قىيىن نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا، يارقىن نۇقتىسىمۇ ئاساسىي قاتلامدا. ئىقتىسادىي تەركىب ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلىنىڭ بارغانسېرى كۆپ خىللىشىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلات، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان پارتىيە ئەزالىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇ تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش لازىم.
ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ھەم ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يېڭى ۋەزىيەتكە ئۈزلۈكسىز ماسلىشىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ساھەلىرىنى كېڭەيتىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشى قەيەردە بولسا، شۇ يەرنى پارتىيە تەشكىلى بىلەن قاپلاش، پارتىيە ئەزالىرى قايەردە بولسۇن تەشكىلنى، ئائىلىسىنى تاپالايدىغان قىلىش لازىم. شاڭخەينىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئالدىدا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزنىڭ پارتىيە ئەزالىرى بار تۈرلۈك كارخانىلار ئىچىدە پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشىمىز − كارخانىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، خادىملارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، كارخانىنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ ھەم كارخانىنىڭ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە، كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى