باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئالاقە تورى-ئۇچۇر ئىشخانىسى تاراتقۇلىرىمىزدىكى قالايمىقانچىلىقنى قانۇن بويىچە قاتتىق باشقۇرۇپ تۈزىتىپ، نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى

2018.11.13 13:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، دۆلەت ئالاقە تورى-ئۇچۇر ئىشخانىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، تاراتقۇلىرىمىزدا ساقلىنىۋاتقان بىر قاتار قالايمىقان مەسىلىلەرگە قارىتا مەركەزلىك تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. مەخسۇس ھەرىكەت 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە پۈتۈن توردىكى «دونالدنىڭ سۆزى»، «فۇ سىئول»، «سۆسۈن بامبۇك جاڭ ئەپەندى»، «نۇر دەستىسى»، «ھەممىگە قادىر پاراۋانلىق قاۋىقى»، «تارىخى ئاشكارىلانمىغان غەيرىي رەسمىي مىش - مىش پاراڭلار»، «يېرىم كېچىدىكى سىن» قاتارلىق 9800 دىن ئارتۇق تاراتقۇ ھېسابات نومۇرىنى بىر تەرەپ قىلغان. يېقىندا، دۆلەت ئالاقە تورى-ئۇچۇر ئىشخانىسى يەنە قانۇن بويىچە تېڭشۈن ئۈندىدارى، شىنلاڭ مىكرو بىلوگى قاتارلىق تاراتقۇلار سۇپىسىنى سۆھبەتكە چاقىرتىپ، ئۇلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنىڭ كەمچىللىكى، ئوبدان باشقۇرمىغانلىقى، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ ئۆسەك پاراڭلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خىلمۇخىل قالايمىقانچىلىقلارنى پەيدا قىلغانلىقىغا قارىتا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. تېڭشۈن ئۈندىدارى، شىنلاڭ مىكرو بىلوگىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئامما ۋە جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىدىكى مەسىلىنى ئاكتىپ تۈزىتىپ، قاتتىق باشقۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىر تەرەپ قىلىنغان بۇ تاراتقۇلار ھېسابات نومۇرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ سۇپىسىدا تەسىس قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى «بۈگۈنكى باش بەت»، بەيدۇ، سوخۇ (تور ئىزدەش بېكىتى)، سۇمۇروغ، UC قاتارلىق سۇپىلاردىمۇ تەسىس قىلىنغان. بەزىلىرى سىياسىي خاتالىق بار ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، زەھەرخەندىلىك بىلەن پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخىنى بۇرمىلاپ، قەھرىمان شەخسلەرنى ھاقارەتلەپ، دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلىغان؛ بەزىلىرى پىتنە–ئىغۋا توقۇپ، ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ، «تېما»پەرەس بولۇۋېلىپ، پىتنە ئارقىلىق پايدا تېپىپ، يالغانچىلىق ئارقىلىق دىققەتنى تارتىپ، نورمال جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان؛ بەزىلىرى خالىغانچە چاكىنا شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىپ، جامائەت تەرتىپى، ياخشى ئادەتلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەخلاقنىڭ تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلىپ، كەڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيان سالغان؛ بەزىلىرى قولىدىكى نۇرغۇن تاراتقۇ ھېسابات نومۇرىدىن پايدىلىنىپ يامان نىيەتتە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەڭ كۆلەمدە «قارا ئاممىۋى مۇناسىۋەت» ئېلىپ بېرىپ، قاقتى-سوقتى قىلىپ، كارخانا ياكى شەخسلەرنىڭ نورمال قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيانكەشلىك قىلىپ، قانۇننىڭ ئاخىرقى چېكىگە خىرىس قىلغان؛ بەزىلىرى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ھوقۇققا چېقىلىپ، ھەدەپ «ماقالە يۇيۇپ» ئەزا توپلاپ، يالغان ئېقىم مىقدارى قۇرۇپ، نورمال تارقىتىش تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. بۇ تاراتقۇلار چىقارغان قالايمىقانچىلىق قانۇن-نىزامنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، ياخشى بولغان تور جامائەت پىكرى ئېكولوگىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان.

  دۆلەت ئالاقە تورى-ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىدە ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، باشقۇرۇش-قۇرۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئىدىيەسى يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى چارە قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى تەدبىر ئارقىلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى باشقۇرۇپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تاراتقۇلىرىمىزدىكى ھېسابات نومۇرلىرىنى دەرىجىگە ۋە تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش ۋە پۈتۈن جەريانىنى باشقۇرۇش بويىچە، قانۇن ئارقىلىق تاراتقۇلىرىمىزنى قاتتىق باشقۇرۇدىغان خىزمەت ھالىتىنى شەكىللەندۈرىمىز. كېيىنكى قەدەمدە دۆلەت ئالاقە تورى-ئۇچۇر ئىشخانىسى داۋاملىق تورنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، تورنى قانۇن بويىچە تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بەزى قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئاڭلىمىغان ۋە داۋاملىق ئىجتىمائىي خەۋپ يەتكۈزۈپ، نورمال تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان تاراتقۇلىرىمىزنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى قەتئىي، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر