باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى 40 «تۇنجى»لار: تۇنجى زاۋۇت باشلىقى ھۆددىگەرلىك تۈزۈمىدىكى كارخانا

2018.11.13 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  __ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ‹كونا ماركا›نىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىلگىرىكى تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان كارخانىنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈردى»، __ دېدى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ تىپىك ۋارىسى، خاڭجۇ ۋاڭشىڭجى يەلپۈگۈچ كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سۇن ياچىڭ ھاياجانلانغان ھالدا. سۇن ياچىڭ 18 يېشىدا ۋاڭشىڭجى يەلپۈگۈچ زاۋۇتىغا كىرىپ يەلپۈگۈچ ياساشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، بىر ئادەتتىكى تېخنىك ئىشچىدىن كارخانىنىڭ «كاتتىبېشى» بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلگۈچە بولغان 40 يىلدىن بۇيان، كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى باشتىن كەچۈردى.

  1976-يىلى سۇن ياچىڭ زاۋۇتقا كىرگەندە، ۋاڭشىڭجى ئەنئەنىۋى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمدىلا ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، پېشقەدەم سەنئەتكارلار يېڭى شاگىرتلارنى يېتەكلەپ، يەلپۈگۈچ ياساش ھۈنىرىنى داۋاملاشتۇراتتى. 1983-يىلى، ۋاڭشىڭجى زاۋۇتى ئالدى بىلەن زاۋۇت باشلىقى ھۆددىگە ئېلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويدى. شۇ چاغدىكى زاۋۇت باشلىقى شۇ جيەنمىڭنىڭ قارىشىچە، كونا كارخانىلار مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلالايتتى. ئۇ باشلامچىلىق بىلەن ھۆددىگەرلىك كېلىشىمى ئىمزالاپ، پۈتۈن زاۋۇتتىكى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ ئىسلاھات ئېلىپ باردى.

  «شۇ چاغدا، زاۋۇت باشلىقى ناھايىتى غەيرەتلىك ئىدى، بىز ئىشلەپچىقىرىش ئىشچىلىرىمۇ ناھايىتى ئاكتىپ قوللىغان ئىدۇق.» سۇن ياچىڭنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، ھۆددىگەرلىك كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، كارخانىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى: يەلپۈگۈچ تەتقىقات ئورنى يېڭىدىن قۇرۇلۇپ، يېڭى مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، سۇلياۋ مىكرو يەلپۈگۈچ، شايى گۈللۈك يەلپۈگۈچ قاتارلىقلارنى ئىشلەپ چىقاردى، كارخانا تېخى تۇنجى قېتىم يەرمەنكىنى شياڭگاڭدا ئېچىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىنى ئاچتى.

  بىر يىلدىن كېيىن، ھۆددىگەرلىك ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى. 1984-يىلى 4- ئاينىڭ 7-كۈنى، «ۋاڭشىڭجىنىڭ ھۆددىگەرلىك توختامىنى نەقلەشتۈرۈش يىغىنى» جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق سارىيىدا قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ جيەنمىڭ 4000 يۈەنلىك مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى، ئۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقاتىغا ئىشلەتتى؛ ھەر بىر ئىشچى-خىزمەتچىگە بىر دەرىجە مائاش قوشۇلۇپ مۇكاپاتلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر