- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزەشنى چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى
2018.11.13 16:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يىل ئاخىرىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە كىردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە تۆۋەن تېمپېراتۇرا، يامغۇر، قار، توڭلاش قاتارلىق ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىگە قارىتا، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، نۆۋەتتىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە بىر قىسىم كارخانىلار بىخەتەرلىك سېلىنمىسىنى ئازايتىپ، بىخەتەرلىك تېخنىكا جابدۇقلىرىنى ۋاقتىدا يېڭىلىمىغان؛ كۆمۈر، سېمونت قاتارلىق ئېنېرگىيە خام ماتېرىيالى ۋە ئاساسىي خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش قىس، باھانىڭ ئۆرلەش نىسبىتى يۇقىرى بولغان، پولات-تۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ دومنا پىچ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئاسانلا تەلۋىلەرچە ئىشلەپچىقىرىش ھەتتا قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى يۈز بەرگەن. بۇ مەسىلىلەرنىڭ يىل ئاخىرىدا يەنىمۇ گەۋدىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. ئۇقتۇرۇشتا، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، يىل بېشىدا قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تالىشىش، سۈرئەت قوغلىشىش، نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشتەك قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇش تەلەپ قىلىنغان.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر