خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۆنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېسسىنگېر بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېسسىنگېر دوكتور ئەپەندى جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستىدۇر، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تارىخىي خاراكتېرلىك تۆھپە قوشتى، بىز بۇنى ئۇنتۇپ قالمايمىز. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نۇرغۇن بوران-چاپقۇن ۋە ئەگرى-توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈردى، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ھالدا ئىلگىرىلىدى. بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدا كۆرۈلمىگەن چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولسا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا سىلجىشىدۇر. مەن زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۇچراشماقچى، بۇ ھەقتە بىز دېيىشىپ قويدۇق.شۇ چاغدا بىز ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرساق بولىدۇ.شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتلىرىگە توغرا ھۆكۈم قىلىشلىرى كېرەك. مۇشۇ بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە جۇڭگوغا ئالاقىدار پاسسىپ ئاۋازلار كۆپىيىپ قالدى، بۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو يەنىلا تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا، ئۆزئارا يول قويۇش روھى بويىچە، دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلساقكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا تەرەپمۇ جۇڭگونىڭ ئۆزى تاللىغان يولىدا تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى ۋە مۇۋاپىق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، جۇڭگو بىلەن ئوخشاش ھەرىكەت قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق قوغدىشى لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى