باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كۇبا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى دىياس كانېل بىلەن سۆھبەتلەشتى

2018.11.09 14:49   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ كۇبا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى دىياس كانېل بىلەن سۆھبەتلەشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8- نويابىر خەلق سارىيىدا، كۇبا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى دىياس كانېل بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ دىياس كانېلنىڭ جۇڭگوغا قىلغان تۇنجى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى قارشى ئالدى، دىياس كارنېلدىن 1-شۇجى رائول كاستىروغا بولغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۇبا بىر قالتىس ئۇلۇغ دۆلەت، يېرىم ئەسىردىن بۇيان جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، ئۆز يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. جۇڭگو بىلەن كۇبا ئوخشاشلا سوتسىيالىستىك دۆلەت، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى قېرىنداشلاردىن. بۇنىڭ ئەمەلىي پاكىتى بار ھەمدە ۋاقىت ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگۈرۈشىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەرگەن. جۇڭگو خەلقى شۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇكى 58 يىل ئىلگىرى، يولداش فېدىل كاستىرو رەھبەرلىكىدىكى كۇبا غەربىي يېرىم شار بويىچە ئەڭ ئاۋۋال يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان كۇبانىڭ پارتىيە ۋە خەلقى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە دۆلەتتە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتەك ھەققانىيەت ئىشلىرىنى قەتئىي قوللىغان ئىدى. مەن ئىككى قېتىم كۇبادا زىيارەتتە بولغان ئىدىم، يولداش كاستىرو بىلەن چوڭقۇر مۇڭداشقان كۆرۈنۈشلەر ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا تۇرماقتا. جۇڭگو-كۇبا ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن تۈزۈشكەن ۋە ئورتاق يېتىلدۈرگەن جۇڭگو-كۇبا دوستلۇقىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو-كۇبا دوستلۇق-ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يارىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە «كەڭ قويۇۋېتىش، بوشىشىش، يۇمشاق قول ب…
    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…