باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇقرا مائارىپىنىڭ كىلاسسىك نۇسخىسىنى يارىتىش (ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى • ئاتاقلىق پۇقراۋى كارخانىچى)

__ «شىندۇڭفاڭ» مائارىپ، پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى يۈ مىنخۇڭ توغرىسىدا

2018.11.14 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈ مىنخۇڭنىڭ ئىككى ماركىسى بار، بىرى «شىندۇڭفاڭ»نىڭ قۇرغۇچىسى، يەنە بىرى كۈرەش قىلغۇچى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى بىلىم ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتكۈچىلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئوڭۇشسىزلىقنى ھاياتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. «<شىندۇڭفاڭ> ئىزچىل تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىۋاتىدۇ، ھازىرمۇ يەنىلا يېڭىلىق يارىتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ».

  تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى

  1978 - يىلى، يۈ مىنخۇڭ تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى، ئىككى يىلدىن كېيىن بېيجىڭ داشۆسىدە ئوقۇپ، مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچى بولدى. بۇ مەزگىلدە، چەت ئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇش ئويى تۇغۇلدى. چەت ئەلگە چىقىش خىراجىتى توپلاش ئۈچۈن، ئۇ 1989-يىلىدىن باشلاپ مەكتەپ سىرتىدا ئىنگلىز تىلى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارغا توئېفل ۋە GRE ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى بويىچە دەرس بەردى. «ئەينى ۋاقىتتا بېيجىڭدا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتىدىن 30 نەچچىسى بار ئىدى، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ يۇقىرى نومۇر ئېلىشى نىسبەتەن تەس، شۇڭا ئادەتتە تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇشنى تاللايدۇ».

  1991-يىلى، يۈ مىنخۇڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، پۇقرا مائارىپى ساھەسىگە كىردى، ئۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگۈەنسۈندە بېيجىڭ «شىندۇڭفاڭ» مەكتىپى قۇردى. 2001-يىلى، «شىندۇڭفاڭ» مائارىپ، پەن-تېخنىكا گۇرۇھى رويخەتكە ئېلىنىپ قۇرۇلدى.

  دەۋر يۈ مىنخۇڭغا يېڭى پۇرسەت بېرىپ، «شىندۇڭفاڭ» ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىنگلىز تىلى قىزغىنلىقى دولقۇنىدا تېز تەرەققىي قىلدى. يۈ مىنخۇڭ مۇنداق قارىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇتۇش سەۋىيەسى «شىندۇڭفاڭ» دەرسخانىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئىنگلىز تىلى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىشتىن باشقا، «شىندۇڭفاڭ» يەنە بىر تۈركۈم ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش كىتابلىرىنى نەشر قىلدى، ئەڭ داڭلىق بولغان « GRE سۆزلۈكلىرىدىن تاللانما» دېگەن كىتاب مىليونلىغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشىغا ياردەم بەردى.

  «شىندۇڭفاڭ»نىڭ قۇرۇلغاندىن تارتىپ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى دەۋرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. يۈ مىنخۇڭ مۇنداق دېدى: چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، شۇنداقلا «شىندۇڭفاڭ» تەربىيەلەش كۇرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. «شىندۇڭفاڭ»نىڭ تەرەققىياتى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇشىغا ئىنتايىن ماس كەلگەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر