11- ئاينىڭ 12- كۈنى، جامائەت شياڭگاڭ مەدەنىيەت مۇزېيى سىرتىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ مۇزېيغا كىرىپ تەزىيە بىلدۈرۈشكە ساقلىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: داڭلىق يازغۇچى جىنيوڭ 30- ئۆكتەبىر شياڭگاڭدا 94 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ماتەم مۇراسىمى 12- نويابىر شياڭگاڭ دەپنە مۇراسىمى زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. جامائەتنىڭ جىنيۇڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خوشلىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، شياڭگاڭ مەدەنىيەت مۇزېيى ئىچىدىكى «جىنيۇڭ سارىيى»دا تەزىيە بىلدۈرۈش دەپتىرى تەسىس قىلدى. بۇ دەپتەر 12- نويابىردىن 30- نويابىرغىچە شۇ جايدا تۇرىدۇ. 12- نويابىر كۈنىلا جىنيوڭنىڭ نەچچە يۈزلىگەن ئوقۇرمەنلىرى ۋە شەھەر ئاھالىسى شۇ «جىنيۇڭ سارىيى»غا بېرىپ جىنيوڭغا ماتەم ۋە ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى