14- نويابىر تارتىلغان بۇ سۈرەتتىكىسى ھادىسە يۈز بەرگەن دوختۇرخانا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ نەنجىڭ شەھىرى لىشۈي رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 14- نويابىر سائەت 11لەردە، شۇ جايدىكى بىر دوختۇرخانىدا بىنا تاختىيى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 21 ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان، يارىدارلارنىڭ ھاياتىدا ھازىرچە خەۋپ-خەتەر يوق ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، لىشۈي رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت دەرھال بىر تەرەپ قىلىشنى قانات يايدۇرغان، يەرلىك دوختۇرخانا يارىدارلار ئۈچۈن يېشىل يول ئېچىپ بەرگەن، يەنە جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋە نەنجىڭ شەھىرى قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردىن سۆڭەك بۆلۈمى ۋە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى ياردەم بېرىشكە جىددىي ئورۇنلاشتۇرغان. نۆۋەتتە، ۋەقەگە چېتىشلىق دوختۇرخانا ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى