11- ئاينىڭ 13- كۈنى، فىرانسىيەنىڭ پارىژ باتاكلەن تىياتىرخانىسىدا، كىشىلەر ئىلگىرى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ ئىسمى ئويۇلغان خاتىرە مۇنارى ئالدىغا يىغىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنىدىكى پائالىيەتتە، ئىلگىرى پارىژدا يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقىنى خاتىرىلەندى. 2015- يىلى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى، پارىژدا كۆپ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ئاز دېگەندىمۇ 130 ئادەم ئۆلگەن، تەخمىنەن 350 ئادەم يارىلانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى