- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىتالىيە كابىنېتى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، خام چوت نىشانىنى بېكىتىشتە چىڭ تۇردى
2018.11.15 15:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياۋروپا بىرلەشمە تۈرىنىڭ ياۋروپا تورىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: ، شۇ جاي ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 13 -كۈنى،ئىتالىيە زۇڭلىسى كۇنتى كابىنېت مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئىچىپ ، 2019 - يىللىق مالىيە يىلىدا دۆلەت خامچوتى پىلانىنى ، ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ خامچوتقا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەلىپىگە قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغان.كابىنېت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ، 2019 - يىللىق مالىيە يىلىدا %2.4 قىزىل رەقەم نىسبىتى ۋە % 1.5 ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدەك خام چوت نىشانىنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرغان ، ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ خام چوت پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەلىپىنى رەت قىلىش توغرىسىدىكى جاۋاب خېتىنى تەستىقلىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر