- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پەلەستىندىكى قوراللىق گۇرۇھلار ئۆز ئالدىغان ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى
2018.11.15 15:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ( خاماس ) قاتارلىق قوراللىق گۇرۇھلار مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدىن زۆرۈر تېپىلغاندا غەززە رايونىغا داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. خاماس، پەلەستىن ئىسلام غازاتچىلار تەشكىلاتى (جىھاد ) قاتارلىق قوراللىق گۇرۇھلار شۇ كۈنى غەززەدە قىسقا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مىسىرنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا پەلەستىن قوراللىق گۇرۇھلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلدى . پەقەت ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلسىلا، پەلەستىندىكى قوراللىق گۇرۇھلار بۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر