- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بۇ يىل قىشتىكى ئەڭ ئېغىر بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچى بۈگۈن ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى
2018.11.15 14:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى نۆۋەتتە بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.14-نويابىر، بۇلغىنىش بۇ يىل قىشتىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقتى.
تۈنۈگۈن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەلۇم قىسىملىرى قىسقا ۋاقىتلىق ئېغىر بۇلغىنىش ھاۋارايىغا ئۇچرىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ھاۋا ئېغىر بۇلغىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشىدا، ئېغىر بۇلغىنىش ۋەزىيىتىدە تۈپ ياخشىلىنىش بولمىغان، سىرتقا چىققاندا مۇداپىئەلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم، مۆلچەرلىنىشىچە، ئەتىدىن باشلاپ ياخشىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەتە كۈندۈزى، بېيجىڭ رايونىنىڭ يەر يۈزى كۈچلۈك سوغۇق يۇقىرى بېسىمغا ئۆزگىرىدۇ، تېمپېراتۇرىنىڭ روشەن تۆۋەنلىشى ۋە قىيپاش شىمال شامىلى تۇماننىڭ تارقىلىش شارائىتىغا پايدىلىق بولۇپ، ھاۋا سۈپىتى ياخشىلىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، ھاۋا سۈپىتى ئۈچ دەرىجىلىك يېنىك بۇلغانغان بولۇپ، 16-چېسلا بىرىنچى دەرىجىلىك ئەلا ھاۋاغا ئۆزگىرىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر