باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تۇنجى بولۇپ خىزمەتچىلەر بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەن شاڭخەي قۇرۇلۇش ماشىنىسازلىق زاۋۇتى __

تۆمۈر تاۋاقنى تاشلاپ، داش قازان تامىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش (ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 «بىرىنچى»)

2018.11.15 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «كىرىم قىلىشتا تۆھپىگە تايىنىش، ئىش ئورنىدا رىقابەتكە تايىنىش؛ تۆمۈر ئورۇندۇقنى ئېلىۋىتىش، تۆمۈر تاۋاقنى تاشلاش». ئارىدىن 30 نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، 1987-يىلى شاڭخەي قۇرۇلۇش ماشىنىسازلىق زاۋۇتىنىڭ تۇنجى بولۇپ ئەمگەك توختامى شەكىلىدىكى كارخانىغا ئايلانغانلىقى جاڭ چىڭۋېينىڭ ئېسىدە ناھايىتى ئېنىق ئىدى. شۇ چاغدا جاڭ چىڭۋېي شاڭخەي قۇرۇلۇش ماشىنىسازلىق زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى، ئۇ باشتىن كەچۈرگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇش جەريانىغا كونكرېت قاتناشتى.

  شاڭخەي قۇرۇلۇش ماشىنىسازلىق زاۋۇتى شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىشچىلار ئاددىي ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىدا، كىچىك ماشىنىلار بىلەن چوڭ زاپچاسلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پىششىقلاپ ئىشلىدى. ئەمما 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمىدىكى «تۆمۈر تاۋاق»، ئىچكى تەقسىمات جەھەتتىكى «داش قازان تامىقى» كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى بوغۇپ قويغانىدى. «زاۋۇتتىكى %98 ئىشچى مۇقىم ئىشچى، كۆپچىلىك ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورۇنلىرىدا، ئالىدىغان پۇلى ئوخشاش» __ جاڭ چىڭۋېي ئەسلەپ شۇنداق دېدى.

  1987-يىلى 3-ئايدا، شاڭخەي شەھىرى مەركەزنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئەمگەكچى ئىشلىتىش تۈزۈمىنى جانلاندۇرۇشتا قۇرۇلۇش ماشىنىسازلىق زاۋۇتىنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ تاللىدى. بىر ئايدىن كېيىن، زاۋۇت ئىچىدىكى ھەر قايسى سېخلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش تارماقلىرى زاۋۇتتىكى ئىشچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %83ىگە تەڭ كېلىدىغان مۇقىم ئىشچىلار بىلەن يېرىم يىللىق سىناق ئىشلىتىش توختامى تۈزدى، توختام مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، سىناق ئارقىلىق لاياقەتلىك بولغانلار بىلەن رەسمىي ئىش ئورنىغا چىقىش بويىچە توختام ئىمزالىدى. بۇ مەزگىلدە، پۈتۈن زاۋۇت بويىچە لاياقەتلىك بولماي قالغان 11 ئىشچى ئىش ئورنىنى ئالماشتۇردى، ئىش ئورنىدىن قالدى، 2-، 3-سەپتىكى يەتتە ئىشچى باھالاش نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن، بىرىنچى سەپتىكى ئىش ئورنىغا قويۇلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، زاۋۇتتا يەنە ئىش ھەققى بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىندى، نورمال دەرىجە ئۆستۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ئىشچىلارنىڭ تېخنىكا دەرىجىسى ۋە ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتى كۈچەيتىلدى.

  «تۆمۈر تاۋاق»نى ئېلىۋېتىپ، «داش قازان تامىقى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، زاۋۇتتا خۇشاللىنارلىق مەنزىرە بارلىققا كەلدى: بىرىنچى سەپتىكى ئىش ئورنىغا چىقىشنى خالايدىغان ئادەملەر كۆپەيدى، تىرىشىپ تېخنىكا ئۆگىنىدىغان ئادەملەر كۆپەيدى، ئىشقا تولۇق چىقىدىغان، ئىشچان ئادەملەر كۆپەيدى. نۇرغۇن ئىشچىلار ئەڭ يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىگە يېتىش ئۈچۈن، سەككىز سائەتتە ئىشلەپ بولالمىسا، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىدى؛ مۇددەتتىن بۇرۇن قىلىپ بولغان بولسا، يەنە ئىش ئىزدەپ تېپىپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر