باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

تارىختىن داۋاملىق ئىلگىرىلەش كۈچى ھاسىل قىلايلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

2018.11.15 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تارىخ ھامان بەزى ئالاھىدە يىللاردا كىشىلەرگە ئەقىل-پاراسەت ھاسىل قىلىدىغان، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان كۈچ بېغىشلايدۇ.

  بۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق ئۇلۇغۋار داستانىنىڭ زىيارىتى، بۇ، جۇڭخۇا زېمىنىدىكى 40 يىللىق مۆجىزىلەرنىڭ نامايەندىسى.

  دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەر، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، يېرىم يىل كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ___ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى» دۆلەتلىك مۇزىيدا داغدۇغىلىق باشلاندى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار بۇ يەرگە كېلىپ، كۆرگەزمىنى كۆردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

  دۆلەت مۇزېيىنىڭ غەربىي مەيدانىدىكى چوڭ قىزىل گۈللۈك ئۈستىدە «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش» دېگەن خەت ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. كۆرگەزمە زالى چوڭ دەرۋازىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان چوڭ پىلاكات كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

  كۆرگەزمە زالى ئىچىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تارىخىي پەيتتىكى ھالقىلىق تاللاش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تارىخىي بۆسۈش، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر، دۇنياغا يۈزلىنىپ، كەلگۈسىنى يېتەكلەيدىغان چوڭ دۆلەت ئەھۋالى... پارچە-پارچە تارىخىي سۈرەتلەر، بىر قاتار ھۆججەت، ماددىي بۇيۇملار، قۇم مودىللېرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى ھەيۋەتلىك تارىخ كارتىنىسىنى كۆپ نۇقتا، تولۇق كۆرۈنۈشلۈك ئەكس ئەتتۈرگەن ئىدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەردە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار دۆلەت مۇزېيىغا كەلدى. كۆرگەزمە سارىيىغا كىرىپ، گويا ۋاقىت تونېلىغا كىرىپ قالغاندەك بولدى، 40 يىللىق قاينام-تاشقىنلىق يىللار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىن بىر -بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئالدى بىلەن چوڭ ئېكراننىڭ ئالدىدا توختاپ، «ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى» ناملىق قىسقا فىلىمنى كۆردى.

  شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018-يىللىق يىللىق يىغىنىغا قاتناشقىنىدا، «جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى ھەرگىز تاقالمايدۇ» دەپ جاكارلىدى؛ گۇاڭدۇڭ سەپىرىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى؛ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقاندا، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە دائىر بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى... بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر