باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا تۈرىدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنىڭ نىسبىتى %70دىن ئاشتى

2018.11.15 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 14- چېسلا ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى مابەينىدە، دۆلىتىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلار ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ساھەسىنى كېڭەيتتى، كۆپ ساندىكى دۆلەت كارخانىلىرى كاپىتال قاتلىمىدا ئارىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. مۈلۈك ھوقۇقى قاتلىمىدىن قارىغاندا، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان مەركەز كارخانىلىرى ۋە ھەرقايسى بالا كارخانىلىرىدا، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك نىسبىتى % 69كە يەتكەن، ئۆلكە دەرىجىلىك دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %56كە يەتكەن. ئىگىدارنىڭ ھوقۇق قاتلىمىدىن قارىغاندا، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز كارخانىلىرى ئىگىدارلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 17 تىرىليون 620 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىجتىمائىي كاپىتالنى جەلپ قىلىپ شەكىللەنگەن ئاز سانلىق پايچىكىنىك ھوقۇق مەنپەئەتى 5تىرىليون 870 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، %33نى ئىگىلىگەن.

  يىغىندا، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېڭ جېمىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تولۇق رىقابەت ساھەسىدە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. نۆۋەتتە، سودا تۈرىدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاش ئۆزگەرتىش نىسبىتى %70تىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بىناكارلىق، مۈلكى زېمىن، ياساش، خەۋەرلىشىش، توپ سېتىش ۋە پارچە سېتىش قاتارلىق بەش ساھەدە ئارىلاش ئۆزگەرتىلگەن كارخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %87، %80، %75، %74، %72گە يەتكەن، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تۆت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىدىكى تارماق كارخانىلارنىڭ %85ى ئارىلاش ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

  پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر نۆۋەتتە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئۆزگەرتىشىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇپ قالدى، دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق ئەلا سۈپەتلىك مۈلۈكلىرى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرگە كىرگۈزۈلدى. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 54 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، تەخمىنەن %65 مۈلۈك بازارغا سېلىندى، 2012- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %11 ئاشتى؛ ئۆلكە دەرىجىلىك دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەخمىنەن %40 پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرگە كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شاڭخەي، چۇڭچىڭ ۋە ئەنخۇي قاتارلىق جايلاردا %50تىن ئېشىپ كەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر