باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گو شېڭكۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى ئۆزلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم

2018.11.15 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت ىسىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈننىڭ رىياسەتچىلىكىدە،14- چېسلا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرىنى قاراپ چىقتى.

  گو شېڭكۈن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە پۇقراۋى ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «ئىككى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ،ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  گو شېڭكۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى، قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە بىخەتەرلىك مۇلازىمەت سىستېمىسى قاتارلىقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش كېرەك. باراۋەر قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك مۈلۈك ھوقۇقى سۇبيېكتلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەق تەلەپ ئىشلىرى دېلولىرى، سودا ئىشلىرى دېلولىرى ۋە مەمۇرىي دېلولارنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، پۇقراۋى كارخانا ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى باراۋەر قوغداش كېرەك. قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن-سىياسەت چېكىنى قاتتىق ئىگىلەش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشى قېلىپلاشماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ناھەق ۋە خاتا دېلولارنى داۋاملىق پەرقلەندۈرۈپ تۈزىتىپ، پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ زېھنىنى يىغىپ ئىگىلىك تىكلىشى، خاتىرجەم مەبلەغ سېلىشى ۋە خاتىرجەم تىجارەت قىلىشىنى ئەلا شارائىتلار بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر