باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىئەندىكى بولكىۋاي ماشىنا قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 10 غا يەتتى، سېمونت توشۇيدىغان باكلىق ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى كونترول قىلىندى

ھادىسە 9 ئادەمنىڭ نەق مەيداندا ئۆلۈشى، 1 ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئېغىر يارىلانغان ئىككى كىشى دوختۇرخانىدا جىددى قۇتقۇزۇلماقتا. سېمونت توشۇيدىغان باكلىق ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىندى

2018.11.15 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىئەن شەھەرلىك ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ ئورگان مىكرو بىلوگى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 13-نويابىر 20 دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە، شىئەن شەھىرى باجياۋ رايونى فاڭۋېي يولى يېڭى يېزا ئەتراپىدا، بىر سېمونت توشۇيدىغان باكلىق ئاپتوموبىل بىلەن بىر بولكىۋاي ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كېتىپ، بولكىۋاي ئاپتوموبىلدىكى 9 ئادەمنىڭ نەق مەيداندا ئۆلۈشى، 1 ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئېغىر يارىلانغان ئىككى كىشى دوختۇرخانىدا جىددى قۇتقۇزۇلۇۋېتىپتۇ. سېمونت توشۇيدىغان باكلىق ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپتۇ.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇ خېپىڭ دەرھال تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئۆلكە، شەھەردىكى مەسئۇل يولداشلارنىڭ تېزلىكتە نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشىنى، شىئەن شەھىرى، ئۆلكىلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ، كېيىنكى خىزمەتلەر ياخشى ئىشلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغانغا قەدەر، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، نەق مەيداننى تەكشۈرۈش، ھادىسە سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر