باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى، بىرۇنېي ۋە فىلىپپىندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنىچ ئوكيان ئارال دۆلىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ

2018.11.15 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز 13-نويابىر جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جېڭ زېگۇاڭ، كوڭ شۈەنيۇ، مىنىستىر ياردەمچىسى جاڭ جۈن ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى لى چېڭگاڭ شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC)نىڭ 26-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدىغانلىقى، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى، بىرۇنىي ۋە فىلىپپىندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى ھەمدە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  بىرىنچى، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى توغرىسىداجېڭ زېگۇاڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، زىيارەت داۋامىدا رەئىس شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ پايتەختى مورېسبى پورتىدا پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى، فىجى، سامۇئا، نۇئاتۇ، مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسى، كۆك تاقىم ئاراللىرى (يېڭى زېللاندىيە)، تونگا، نيۇئى قاتارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان سەككىز تىنچ ئارال دۆلىتىنىڭ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ، جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە زىيارەتتە بولۇشى ھەم شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۆت يىلدىن كېيىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئارال دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ كەڭ ساھەلەردىكى ئالاقە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچ، مۇقىم تەرەققىياتىغا چوڭقۇر ۋە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئىككىنچى، بىرۇنېي ۋە فىلىپپىندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش توغرىسىداكوڭ شۈەنيۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، بىرۇنېي، فىلىپپىندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتتىكى تۇنجى زىيارىتى، شۇنداقلا جۇڭگو دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئارىدىن 13 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم بۇ ئىككى دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-بىرۇنېي، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتا نامايەندە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو-بىرۇنېي دوستانە قوشنىلار، بۇ يىل جۇڭگو-بىرۇنېينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىنىڭ بەش يىللىقى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى بىرۇنېيدا زىيارەتتە بولۇشى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرلىكتە جۇڭگو-بىرۇنېي مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن يۇقىرى قاتلام لايىھەسى تۈزىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ سۇلتان ھەسەن نال بىلەن سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو-بىرۇنېي مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايون مەسىلىلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە پىلانلايدۇ. ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە قوشما بايانات ئېلان قىلىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى نۆۋەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئادىمىيەت ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ.

  ئۈچىنچى، APEC 26-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش توغرىسىداجاڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: APECنىڭ 26-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى مورېسبى پورتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ APEC سودا-سانائەتچىلەر رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ ۋە مۇھىم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ، رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىدۇ، خىزمەت چۈشلۈك زىياپىتىگە قاتنىشىدۇ ۋە APEC رەھبەرلىرىنىڭ سودا-سانائەتچىلەر مەسلىھەت بېرىش كېڭىشى ۋەكىللىرى بىلەن بولغان سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ھازىرقى دۇنيا ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ جۇڭگونىڭ مەيدانى، تەشەببۇسىنى چوڭقۇر بايان قىلىدۇ؛ ھەمكارلىق يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە يىغىنغا قاتناشقان ئالاقىدار ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر