- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 14 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ
بۈگۈن سىرتقا چىققاندا قېلىنراق كىيىنىڭ
2018.11.15 14:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، كېيىن بۇلۇتلۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن سەككىز سېلىسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 14 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ. بۇ قېتىمقى سوغۇقتىن كېيىن، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋارايى «سوغۇق»تىن «توڭلىدىم»غا چۈشىدۇ.
پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، كېيىن بۇلۇتلىنىدۇ، پەقەت كۈيتۇندە ھاۋا تۇمانلىق بولۇپ، كېيىن ئاز مىقداردا قار ياغىدۇ؛ ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كورلا، ئاتۇش، خوتەن قاتارلىق جايلاردا يامغۇر ياكى قار ئارىلاش يامغۇر ياغىدۇ.
13-چېسلا سائەت 20دىن 14-چېسلا 20گىچە، G314 لىنىيەسى خوشۇتتىن ئاقسۇغىچە بولغان بۆلىكىدە، ئاتۇشتىن قونجىراپقىچە بولغان بۆلىكىدە، G3013، G315 لىنىيەسى قەشقەردىن خوتەنگىچە بولغان بۆلىكى، G219 لىنىيەسىدە ئاز مىقداردا قار يېغىپ، كېيىن يامغۇر ئارىلاش قارغا ئۆزگىرىدۇ. (تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە، G315 لىنىيەسى قاغىلىقتىن دالاپپاي جىلغىسىغىچە بولغان يول بۆلىكىدە ئوتتۇراھال قارا يامغۇر ياغىدۇ ياكى قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ.
بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بارلارنىڭ بۇ كۈنلەردە روشەن ھالدا بوينى تېلىپ بىئارام بولىدۇ. بۇ يەردە كۆپچىلىككە بىر ئەپچىل چارە دەپ بېرىمىز: بويۇن قىسمىدا ئۇيقۇ پەللىسى بار بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق، باش قېيىشنى داۋالاشتا پايدىلىنىلىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن، گرېلكىنى بويۇننىڭ ئارقا قىسمىغا قويساق، ئىللىق ۋە راھەت ھېس قىلىمىز. بۇنىڭ بىلەن ئىككى قول ۋە ئىككى پۇتمۇ ئىسسيدۇ ھەم ئۇيقۇ كەلتۈرۈش رولى بار. گرېلكا بىلەن بويۇننى ئىسسىتقاندا ئومۇرتقا پەللىسىگىمۇ تەسىر قىلىپ، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى داۋالاشقىمۇ مۇئەييەن پايدىسى بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر