باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇش، قايتا يولغا چىقىش

 ــــ شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە خىزمىتىدە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمىز (1) مۇخبىرلىرىمىز سۈي يۈنيەن، شيې خۇيبيەن

2018.11.15 15:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10- ئاينىڭ 7- كۈنى، خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە، تەربىيەلەنگۈچى ھىسامىدىن ھەسەن (ئوڭدىن 1- كىشى) ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگەنمەكتە. (مۇخبىرىمىز لۇ مىنيى فوتوسى)

  10- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىدا كىتاب ئوقۇغان ئاۋاز بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ تۇراتتى. «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋېلىسىپىت يولىدا مېڭىشقا بولمايدۇ، كۆپچىلىك دەپ بېقىڭلار، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بىز نېمىشقا قانۇننى، قائىدىنى تەكىتلەيمىز؟». مۇخبىر بىر دەرسخانىغا كىرگەندە، ئوقۇتقۇچى قانۇن دەرسى ئۆتۈۋاتاتتى. كەڭ، ئازادە دەرسخانا قۇياش نۇرىدا يورۇپ كەتكەنىدى، تەربىيەلەنگۈچىلەر بەس- بەستە قول كۆتۈرۈپ سوئالغا جاۋاب بېرىۋاتاتتى، دەرسخانا كەيپىياتى قىزغىن ئىدى.

  دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگەنسە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش ئىقتىدارى ئۆسىدۇ؛ قانۇن ئۆگەنسە، ھەق- ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئۆسىدۇ؛ ماھارەت ئۆگەنسە، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى ئۆسىدۇ. كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە، تەربىيەلەنگۈچىلەر قانداق ئوقۇيدىغاندۇ؟ تۇرمۇش مۇھىتى قانداقتۇ؟ تېخنىكىلىق ماھارەت ئۆگىنىپ نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغاندۇ؟ مۇخبىرلىرىمىز مۇشۇ سوئاللارنىڭ تۈرتكىسىدە كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىگە كىرىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشى ھەمدە شۇنىڭدىن باشلانغان كىشىلىك تۇرمۇش يېڭى سەھىپىسىنى خاتىرىلىدى.

  تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىشەنچنى قايتىدىن تۇرغۇزۇش

  ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ دېرىزىسى سىرتىدىكى تەنھەرىكەت مەيدانىدا، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئەۋجىگە چىققانىدى. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، كۇتۇپخانىدا كىتاب كۆرۈپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. 22 ياشلىق قەلبىنۇر مىجىت ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئاچىدىغان كىتاب كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ: «دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىپ، ئوقۇش- يېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، كىتاب كۆرۈشنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم، مەن بالا بېقىشقا دائىر بىلىملەرنى كۆپرەك ئۆگەنمەكچى» دېدى.

  تەربىيەلەش ئارقىلىق تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان ئىشتىياقى قويۇقلاشتى، قىزغىنلىقى ئاشتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولدى. خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ قانۇن ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇكېۋىر ئابدۇقىيۇم مۇخبىرلىرىمىزغا مۇنداق دېدى: نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچى ئىلگىرى ساۋاتسىز، قانۇن قارىغۇسى بولۇپ، نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىيالمايتتى، بەزىلىرى ھەتتا دىنىي ئەقىدىلەرنى قانۇندىن ئۈستۈن دەپ بىلىپ، دىنغا ئىشىنىپ قانۇنغا ئىشەنمەيتتى. ئەڭ دەسلەپتە كۆپچىلىكنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولمىدى، مۇئەللىم ئەمەلىي دېلو مىسالىغا بىرلەشتۈرۈپ، دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرگەندە، كۆپچىلىك بارغانسېرى قىزىقىپ، تولۇق خاتىرە قالدۇرىدىغان بولدى.

  تەربىيەلەش مەركىزىدە، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئالدى بىلەن دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىپ، ئاندىن قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئاندىن كېيىن كەسپىي ماھارەت ئۆگەندى، ئوقۇتۇش پىلانىدا تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى تولۇق ئويلىشىلدى، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە بەك ماس كەلدى.

  10- ئاينىڭ 9- كۈنى كەچقۇرۇن، چىرا ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدىكى ئون نەچچە دەرسخانىنىڭ چىراغلىرى يېنىق ئىدى. 25 ياشلىق مەمتىمىن ئەكرەم ساۋاقداشلىرى بىلەن ئاشپەزلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋاتاتتى. «مەن چىرا ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ پېچىنە- پىرەنىك پىشۇرۇش سىنىپىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتىم، ماھارەت ئىگىلىگەندىن كېيىن كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسى ئالالايمەن».

  تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى مەمەتجان رەجەپ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەربىيەلەش مەركىزى ناھىيەدىكى كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى بىلەن ئالاقىلىشىپ تەربىيەلەنگۈچىلەرگە سىنىپ ئېچىپ بەردى، دەرسلىكنى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە جەمئىيەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ ئورۇنلاشتۇردى. پېچىنە- پىرەنىك پىشۇرۇشتىن باشقا، يەنە ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش، كىيىم- كېچەك لايىھەلەش- تىكىش، قانۇن ئىشلىرى، يېزا ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش قاتارلىق دەرسلەر بار.

  كەسپىي ماھارەتنى ياخشى ئۆگەنگەندە، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بولىدۇ. كېرىيە ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ سانائەت رايونىدىكى باسما زاۋۇتىدا، 22 ياشلىق ئابلەت ئابلىز مۇخبىرلىرىمىزغا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي مەشىق باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى، كېيىنكى ئايدا رەسمىي ئىش ئورنىغا چىقسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇخبىر ئۇنىڭ رەسىم سىزىش يۇمشاق دېتالىدا ئىشلىگەن مۇقاۋىسىنى كۆردى، «ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» دېگەن ھۆسن خەت چىرايلىق چىققانىدى. ئابلەت تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «ئانام ماڭا بۇ يەردە ماھارەتنى ياخشى ئۆگەن دېدى، ئۇ تەربىيەلەشنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ماڭا بىر خەت بېسىش، نۇسخىلاش دۇكىنى ئېچىپ بېرىشكە ماقۇل بولدى».

  «بۇ يەردىكى تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن ياخشى»

  10- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتە، تەربىيەلەنگۈچى گۆھەرنىسا ئەخمەتتوختى خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ سانائەت رايونىدىكى ئەمىن تاللا بازىرىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، خىزمەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپلا مەھەللە ياتاق بىناسىدىكى يېڭى ئۆيىگە قايتتى. بۈگۈن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئەخمەتجاننىڭ ئون ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، ئۇ مۇخبىرلىرىمىزنى ئۆيىگە كېلىپ تۇغۇلغان كۈن تورتى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى.

  مېھمانخانا ئۆينىڭ تېمىغا ھەرخىل رەڭلىك شارلار ئېسىلغانىدى، گۆھەرنىسانىڭ ئانىسى، ئۇكىسى ۋە سىڭلىسى تېلېۋىزور كۆرۈۋاتاتتى، ئىككى ئوغلى ئويۇنچۇق ئاپتوموبىللارنى تىزىپ ئويناۋاتاتتى. بىردەمدە، گۆھەرنىسا ئۆزى پىشۇرغان تۇغۇلغان كۈن تورتىنى ئېلىپ چىقتى، كۆپچىلىك تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتتى. ئالتە ياشلىق كىچىك ئوغلى يېڭىلا ئۆگەنگەن «ئۈچ خەتلىك دەستۇر»نى يادلاپ بېرىپ، بۇ نومۇرى ئارقىلىق ئاكىسىغا بەخت تىلىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى شاد- خۇراملىققا چۆمدى.

  گۆھەرنىسا بىلەن ئېرى تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆگىنىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش سۈرئىتى تېزرەك بولغاچقا، ئىككىسىلا ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئەر- خوتۇن ئىككىسى بالىلىرى بىلەن تەربىيەلەش مەركىزى يېنىدىكى مەھەللىدە تۇرىدۇ. گۆھەرنىسا مۇنداق دېدى: ياتاق- تامىقىمىز ھەقسىز، ئېرىم ئىككىمىز ھەر ئايلىق مائاشىمىزنى ئامانەت قويۇپ، بالىلىرىمىزنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى توپلاۋاتىمىز.

  ياخشى تۇرمۇش مۇھىتى گۈزەل تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى. قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزى ئۇرۇق- تۇغقانلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈش رايونىدا، تەربىيەلەنگۈچى زۇنۇن ئابدۇسەمەتنىڭ خوتۇنى مەرپۇغە مۇختەر مۇخبىرلىرىمىزغا ئېرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە بىر ئېغىزمۇ پۇتۇڭخۇا سۆزلىيەلمەيتتى، ھازىر بارغانسېرى ياخشى سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى. ئۆيدە ئەزەلدىن چىشىنى چوتكىلىمايتتى، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرمەيتتى، ھازىر ناھايىتى پاكىز يۈرۈيدۇ، باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغاندەكلا، مېنى بەكلا خۇشال قىلىۋەتتى.

  ئۆزگەرگىنى زۇنۇنلا ئەمەس، ھەربىر تەربىيەلەنگۈچىدە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بولدى. تەربىيەلەنگۈچىلەر تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە ھەر كۈنى تۇخۇم، گۆش ۋە كۆكتات يېيەلەيدۇ، ئاساسلىق يېمەكلىك تۈرىمۇ ناھايىتى مول. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ياتاقلىرىغا ھاۋا تەڭشىگۈچ، تېلېۋىزور سەپلەنگەن، ئىستاكان ۋە چىش چوتكىسى سالىدىغان كۇرۇشكىلار رەتلىك تىزىلغان، ئاق لۆڭگىلەر رەتلىك ئېسىلغان بولۇپ، پۈتكۈل ياتاق پاكىز، رەتلىك ئىدى.

  ياتاقتا، تەربىيەلىنىشنى تاماملاپ ئۆيىگە قايتماقچى بولۇۋاتقان ئابدۇغەنى غوجى يۈك- تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇۋاتاتتى. ساۋاقداشلىرىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي، كۆپچىلىكنى ياخشى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرگەندىن باشقا، ئۇ يەنە كۆپچىلىككە: ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، بالىلىرىمنى ياخشى تەربىيەلەيمەن، ئۆز كەچۈرمىشىم ئارقىلىق ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن يىراقلاشتۇرىمەن، دېدى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېلىپ كەلگەن ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە غەيرەت

  خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىدا بىر ئارزۇ تېمى بار بولۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئارزۇلىرى چاپلانغانىدى. «تىرىشىپ ئۆگىنىپ كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرىلەيمەن» «مەن دۆلىتىمنى سۆيىمەن، مەن ئائىلەمنى سۆيىمەن» «ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشىنى تىلەيمەن» «بىزنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىمىزنى بىز تىرىشىپ ئۆگىنىمىز»...

  دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئۆگىنىش، قانۇن ئۆگىنىش، ماھارەت ئۆگىنىشنىڭ ھەممىسى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش ئىقتىدارى، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىش ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈندۇر. خوتەن ۋىلايىتى دۆلەت دەرىجىلىك تۇتاش كەتكەن ئېغىر نامرات رايون، خوتەن ناھىيەسىنىڭ سانائەت ئاساسى نىسبەتەن ئاجىز، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە خىزمىتى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتتى. ھازىر زاۋۇت قۇرۇلدى، تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەلىنىش ئارقىلىق بىلىم، ماھارەت ئىگىلىدى، بەزىلىرى كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، مۇقىم كىرىمى بار بولدى.

  10- ئاينىڭ 7- كۈنى كەچ، ئابلەخەت ئابدۇخېلىل بايىلا ئۆيىدىن سانائەت رايونىدىكى ئاياغ زاۋۇتىغا قايتىپ كەلگەنىدى، چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەنگەن بولۇپ، ئەگىم قاشلىرىدىن خۇشاللىقى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلەت يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ، بۇ بىر مەزگىلدە كەنتتىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى زور بوپتۇ، ئائىلىمىزنىڭ كونا ئۆيلىرى يېڭى ئۆيگە ئۆزگىرىپتۇ، مەن تونۇيالمىغىلى تاس قالدىم.

  ئابلەخەت تەربىيەلەش مەركىزىدە موزدۇزلۇق تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، زاۋۇتتا رەسمىي ئىشقا چۈشۈپ، ھەر ئايدا مائاش ئالىدىغان بولدى. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ كەنتتە ئاياغ زاۋۇتى ھەمراھ زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن كەنتكە قايتىپ يۇرتداشلىرىغا تېخنىكا ئۆگىتىش ئىرادىسىگە كەلدى.

  تەربىيەلەنگۈچىلەر ماھارەت ئىگىلەش ئارقىلىق بېيىش يولىنى تېپىۋالدى، يەنە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىمۇ تېپىۋالدى. مارالبېشى ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچى ئەمەت ھېكىم بۇ يىل 40 ياشتا بولۇپ، ئىلگىرى سېپى ئۆزىدىن دېھقان ئىدى، ھازىر بولسا كىيىم تىكىش زاۋۇتىنىڭ سېخ باشلىقى، 97 نەپەر تەربىيەلەنگۈچى ئىشچىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى باشقۇرىدۇ ھەم مۇلازىمەت قىلىدۇ. دۆلەت ئورتاق تىلىدا بىر جۈملىنىمۇ سۆزلىيەلمەسلىكتىن توسالغۇسىز پىكىر ئالماشتۇرۇشقىچە، پەقەت يەر تېرىشتىن قىلىدىغان ئازغىنا كىرىمىدىن ھەر ئايدا مۇقىم ئىش ھەققى ئېلىشقىچە بولغان بۇ ئۆزگىرىشلەر ئەمەتنىڭ ئىشەنچىسىگە غەيرەت قوشتى.

  مۇخبىرلار مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ كىيىم تىكىش زاۋۇتىدىن زاۋۇت يېنىدىكى ماتا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا كېلىپ، خۇددى رەڭگارەڭ دېڭىز- ئوكيانغا كىرىپ قالغاندەك بولدى. بۇ يەردە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ مودا كىيىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. ھەرخىل رەڭلىك رەختلەردىن چىپاۋ، مۇراسىم كىيىمى، مودا كىيىملەر تىكىلگەن بولۇپ، ئايال تەربىيەلەنگۈچىلەر بۇ يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ، مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ «مۈشۈك قەدىمى»دە مېڭىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى «T» شەكىللىك سەھنىدە تېخىمۇ ئېشىپ، چېھرىدە يېقىملىق تەبەسسۇم ئەكس ئېتەتتى.

  ئارزۇلار چېچەك ئاچتى

  «تەلىم- تەربىيە بىزگە پارلاق يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بۈگۈنكى ئۆگىنىش ئەتىدىكى ئاتلىنىش ئۈچۈن...» قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ چوڭ زالىدا، تەربىيەلەنگۈچى تېكىستىنى يېزىپ، مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن «ئەتە تېخىمۇ گۈزەل» دېگەن ناخشا كۆپچىلىكنىڭ يۈرەك ساداسىنى ياڭراتماقتا ئىدى.

  تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشى مول ھەم مەزمۇنلۇق بولۇپ، ناھايىتى مەنىلىك ئىدى. قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە ئالاھىدە سىنىپ، قىزىل ناخشا سىنىپى، خەتتاتلىق- رەسساملىق سىنىپى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. تەربىيەلەنگۈچى ئابدۇكېرىم مەمەتساۋۇت مۇخبىرلىرىمىزغا بايىلا ئۆگىنىۋالغان جىڭجۈي تىياتىرى «قىزىل چىراغ خاتىرىسى» دىن ئارىيە ئورۇنلاپ بەردى، ئۇ يەنە چىنچياڭ ئەلنەغمىسى ۋە خۇاڭمېي تىياتىرى ئېيتىشنى بىلەتتى. ئۇ تىياتىرنىڭ قول ھەرىكىتىنى ئىشلىگەچ مۇنداق دېدى: «مەن جۇڭخۇا مىللىتى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم».

  تەربىيەلەنگۈچىلەر ئورۇنلىغان جىڭجۈي تىياتىرى، يۈجۈ تىياتىرى قاتارلىق نەغمىلەر ماختاشقا ئەرزىيدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ۋە جۇڭخۇا مىلللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قاتارلىقلار كۈندىلىك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈلگەنلىكتىن، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.

  خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزى مەخسۇس قۇياش نۇرى سەنئەت ئۆمىكى قۇرۇپ، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، سەنئەتكە قىزىقىدىغان تەربىيەلەنگۈچىلەرنى يېتىشتۈردى. تەربىيەلەش مەركىزىدە، ۋاسكېتبول، ۋالىبول، تىكتاك توپ قاتارلىق تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا مەيدان بار، نۇتۇق سۆزلەش، ناخشا- ئۇسسۇل قاتارلىق مەدەنىيەت، ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيەتلىرىگىمۇ سەھنە بار.

  تەربىيەلەنگۈچى ئىلياسجان مەمتىمىن كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا ئېيتىشقا قىزىقاتتى، بىراق ئۆگىنىپ باقمىغان بولۇپ، ئۆزى خالىغانچە ئېيتاتتى. كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارغا ئەگىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ناھايىتى تېز ئىلگىرىلەپ، قۇياش نۇرى سەنئەت ئۆمىكىگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ھەر كۈنى كەچتە خوتەن شەھىرىنىڭ كەچلىك بازىرىغا بېرىپ ئويۇن قويدى، ئۇ ئورۇنلىغان نومۇرلارغا نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار قىزغىن گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىتاتتى. ئىلياسجان مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ناخشا سادايىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزىمەن. مەن تېخىمۇ تىرىشىپ، كېيىن تېخىمۇ چوڭ سەھنىلەرگە چىقىپ ناخشا ئېيتىمەن».

  10- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 10دا، مارالبېشى ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزى چاۋياڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەتىگەنلىك خەۋەر ئاڭلىتىشنى باشلىدى، رىياسەتچى تەربىيەلەنگۈچى ماھىرە ئايۇپ بولۇپ، ھەر كۈنى ئۇ تۇنجى بولۇپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا بېرىپ، ئەڭ يېڭى ئاخبارات خەۋىرىنى پىششىق ئىگىلەپ، قايتا- قايتا مەشىق قىلىدۇ. چاۋياڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۆت پىروگراممىسى بار بولۇپ، بۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا قانۇن توردا، ئوقۇپ بەرگۈچى، خەۋەرلەر ۋاقتى، مەن بىلەن بىللە دۆلەت ئورتاق تىلى ئۆگىنىڭ. بۇنىڭدىن باشقا، تەربىيەلەش مەركىزى يەنە «قۇياش نۇرى ھەپتىلىك گېزىتى» تەسىس قىلغان بولۇپ، ھەممىسىدە تەربىيەلەنگۈچىلەر مەشغۇلات قىلىدۇ.

  مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ يېڭى ماكانى بار بولدى، بۇ دەل ئارزۇ باشلانغان جاي.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر