باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان بوشلۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2018.11.15 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى بوشلۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 11- ئاينىڭ 14- كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ،ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى بوشلۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالەم بوشلۇقى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بايلىقى، ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى ئېچىش ھەمدە ئۇنىڭدىن تىنچ پايدىلىنىش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشىدۇر. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە،ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش،باراۋەر مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ پايدىلىنىش ۋە سىغدۇرۇشچان تەرەققىيات ئاساسىدا چىڭ تۇرۇش، ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدىكى خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو ئەزەلدىن ئالەم بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، بوشلۇق مۇھىتىنى قوغداش، ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىنسانلارغا بەخت يارىتىش قاتارلىقلارنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى بوشلۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بوشلۇق ئىلمىي ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئالەم تېخنىكىلىرىنى ئېچىش، بوشلۇق تېخنىكىسىنى قوللىنىش قاتارلىق ساھەلەردە زىچ ھەمكارلاشتى ۋە ئىجابىي رول ئوينىدى. جۇڭگو داۋاملىق تۈردە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى بوشلۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى پائال قوللايدۇ، ئورتاق قۇرۇش ۋە ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، بوشلۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر