باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندىكى ھەر قايسى سەھەلەردە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملىقىغا يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىش كېرەك

2018.11.15 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇنىڭدا، شياڭگاڭلىق ۋە ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندىكى تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ۋە زاتلارنىڭمۇ بىر ئۈلۈش تۆھپىسى بار. بۇنى، ۋەتەن ۋە خەلق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12- يانۋار شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندىكى ھەر ساھە كىشىلىرىدىن تەشكىللەنگەن دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. شياڭگاڭلىق ۋە ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ، ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە ئوينىغان رولى ۋە تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندىكىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى، ھەمدە شياڭگاڭلىق ۋە ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ، ھەم شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملىقىغا يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى دەۋر سەھىپىسىنى بىرلىكتە يېزىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې تاراتقۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە، «بىز ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن ئىلھاملاندۇق!» دېدى ۋە يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى بولۇپ، مۇشۇنداق بىر پەيتتە، بۇ ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەت مەركەزنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۆمەك تەشكىللەپ ئىچكىرىگە بېرىپ، ئۇ جايلارنى ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەت قىلدى ھەمدە بۇ ئۆمەك رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى، بىز بۇنىڭدىن شەرەپ ھېس قىلماقتىمىز. شياڭگاڭ بولسا، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرى داۋامىدا، بۇ جەرياننىڭ ھەم شاھىتى، قاتناشقۇچىسى ۋە تۆھپىكارى، ھەمدە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشىغا تايىنىپ بۇنىڭدىن نەپ ئالغۇچى. بۇ جاينىڭ ئۆزىدىمۇ ياخشى تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلەپ، بىزگە، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن ئۈچۈن ئېيتقاندا، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى ھېسابلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سەھنە ھېسابلىنىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش ۋە گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىمۇ ئۇلار ئۈچۈن يېڭى چوڭ پۇرسەتلەر ھېسابلىنىدۇ، دېگەن ئىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزلىرى بىز شياڭگاڭلىقلارنىڭ، يەنى شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەپ، بىزنىڭ ئېنىق يۆنىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملىقىغا پائال يۇغۇرۇلۇپ، شياڭگاڭنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تەك باشقۇرۇلۇشى ئاستىدىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، شياڭگاڭنىڭ يۈكسىلىشى ئارقىلىق دۆلەتكە تۆھپە قوشۇشىمىز، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىمىز كېرەك. مەن شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا، مەيلى ئۇنىڭدىكى ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەر بولسۇن، ياكى گۈللەنمە كەسىپلەر بولسۇن، ناھايىتى ئۈمىدۋارمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر