- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى كېڭىشى يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈلۈپ بولدى
2018.11.15 15:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا، پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىنىڭ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىن ئىشلىرى مىنىستىرى تكاچېنكو مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسى ھەرقايسى تەرەپلەردە تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىدى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى يۈرۈشلۈك يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئىشەنچىمىز بار ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىننى ئۆتكۈزۈشنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسى ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى يىغىننى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ، پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىن ئىشلىرى بۆلۈمىنى قۇردى. تكاچېنكو بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەييارلىق كۆرىدىغان ئاساسلىق مەسئۇللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە مۇنداق دېدى : بۇ قېتىمقى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۈرۈشلۈك يىغىنى پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسى ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور ، پۈتۈن دۇنيانىڭ بۇ ئارقىلىق ،پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر