باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش سۆھبىتى ئاياغلىشىش باسقۇچىغا كىردى

2018.11.15 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش سۆھبىتى ئاياغلىشىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكى، ئىككى تەرەپ داۋاملىق قالغان مۇھىم تېمىلاردا بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

  ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش سۆھبىتى ئاياغلىشىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكى، ئىككى تەرەپ داۋاملىق قالغان مۇھىم تېمىلاردا بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي چېكىنىشىگە تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالغان بولسىمۇ، بىراق خەلقئارادىكى قىسمەن تاراتقۇلار تېرىسا ماي دۆلەت ئىچىدە يولۇققان بېسىم ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش كېلىشىمىنىڭ ئاخىرىدا ھاسىل قىلىنىشىغا توسقۇن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى.

  تېرىسا ماي شۇ كۈنى لوندون پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى باشلىقىنىڭ يىللىق كەچلىك زىياپىتىدە نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش سۆھبىتى ئاياغلىشىش باسقۇچىغا كىردى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش كېلىشىمىنىڭ قېلىپ قالغان قارالمىلىرىدا ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىز ھازىر كېچىلەپ تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتىمىز، بۇ قارالمىلارنىڭ ئەھمىيىتى زور.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش سۆھبىتى مۇشۇ ئاينىڭ 11- كۈنى كەچتىن 12- كۈنى ئەتىگەن سائەت 2 دىن 45 مىنۇت ئۆتكىچە داۋاملاشقان؛ سۆھبەت مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يەنە داۋاملاشقان. قىسمەن ئەمەلدارلار ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئىككى تەرەپ مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنىدىن ئىلگىرى زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىسە، ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇشۇ ئاي ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش كېلىشىمىنى تەستىقلاش ئۈچۈن ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى ئېچىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ بىر مەيدان باشلىقلار يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 24-، 25-كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن.

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ قارىدى: ئەگەر ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش كېلىشىمى كېلەر ئاينىڭ 13-كۈنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قەرەللىك باشلىقلار يىغىنىدا تەستىقلىنىشقا كېچىكتۈرۈلسە، تېرىسا ماينىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋاقتى زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ.

  تېرىسا ماي نۇتۇقىدا مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش سۆھبىتى ئالاھىدە مۈشكۈل ئىش. مەن كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىققا ۋەدە بېرىمەن.

  ئەنگلىيە كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى بېكىتتى. تېرىسا ماي مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشقا تەرەققىياتى ئەڭ تىز بولغان ئىقتىسادى گەۋدىلەر بىلەن سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئالدى بىلەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا ئەۋەتىمەن.

  ئەنگلىيەدە چىقىدىغان پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تېرىسا ماي نۇتۇق سۆزلەشتىن ئىلگىرى مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش كېلىشىمىنىڭ ئاساسىي رامكىسى ئورنىتىلىپ بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى مېچىل بانىيە شۇ كۈنى ئەنگلىيەدىن باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا قىسقىچە دوكلات قىلىپ مۇنداق دېدى : ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ چېكىنىش كېلىشىمىدىكى ئاساسلىق ئامىللار بېكىتىلدى.

  خەۋەردە بانىيەنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئىككى تەرەپنىڭ يېقىنقى بىر نۆۋەتلىك سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەشلەر بولدى، ھەر قانداق سۆھبەتلەر بىلەن ئوخشاش ئاخىرقى باسقۇچتا بىر مەزگىل قىيىنچىلىق كۆرۈلىدۇ. نەق مەيداندىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلدارى قىيىنچىلىقنىڭ كېلىشىم ئىكەنلىكىنى بىلىمىز دېدى.

  بۇ خەۋەرنى ئاخىرىدا ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىنكار قىلدى. ئەنگلىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى خەۋەرگە گۇمانلىق نەزەر بىلەن قاراش كېرەك دېدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى مۇنداق دېدى: تېخنىكا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا كېلىشىم ھۆججىتى تەييارلىنىپ بولغان بولسىمۇ ،لېكىن بىز قارشى تەرەپ بىلەن سىياسىي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلمىدۇق.

  پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، تېرىسا ماي تىلغا ئالغان قېلىپ قالغان مۇھىم قارالما مۇنداق ئۈچ ئىكەن.

  1.قاتتىق پاسىلدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان تولۇقلىما لايىھەسىنى توختىتىپ تۇرۇش مەزگىلىنى تەسىس قىلىش ياكى قىلماسلىق.

  2.بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق شەكىلدىكى ياۋروپا بىلەن ئەنگلىيە تاموژنا بېجى ئىتتىپاقداشلىقىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئادىل رىقابەت مۇھىتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ياكى قىلماسلىق.

  3. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر بېلىقچى كىمىلىرىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ بېلىقچىلىق سۇ ساھەسىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش ياكى قىلماسلىق.

  ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلگىرى ئەنگلىيە ياۋروپادىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي ئىرېلاندىيە رايونى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئىرېلاندىيەنىڭ قۇرۇقلۇق پاسىلىدا قايتىدىن ئەمەلىي چېگرا تاموژنا تەكشۈرۈش ئەسلىھەسى يەنى قاتتىق پاسىلىنى تەسىس قىلىشتىن ساقلىنىشقا قوشۇلغان ئىدى.

  تېرىسا ماي مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش ئۆتكۈنچى مەزگىلى ئاخىرلاشقاندا ئىككى تەرەپ ئىقتىساد سودا ئورۇنلاشتۇرۇشى سۆھبىتىنى ئاياغلاشتۇرالماي ، تولۇقلىما لايىھەنى يولغا قويسا، ئەنگلىيەنىڭ پۈتۈن زېمىنى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاقىتلىق تاموژنا ئىتتىپاقلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلايدۇ.

  بۇ لايىھە ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدە كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىدى. تېرىسا ماي رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن گۇمانلىنىش گۇرۇھىدىكى زاتلار ئەنسىرەپ ۋاقىتلىق تاموژنا ئىتتىپاقىدا توختىتىش مەزگىلى تەسىس قىلسا بولمايدۇ، بۇ ئەنگلىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا مەڭگۈلۈك قالدۇرىدۇ، بۇ سايلىغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ دېدى.

  بۇ گۇرۇھتىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسىدىن باشقا، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىتتىپاق شىمالىي ئىرېلاندىيە دېموكراتىك بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيەسى تېرىسا ماي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن زىيادە مۇرەسسە قىلدى، بۇ دۆلەت ئۈچۈن ھاقارەت دېدى.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، لايىھە يەنە ئەنگلىيەدىكى قىسمەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىش گۇرۇھىدىكى كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇلار مۇنداق كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىنى يەنە بىر قېتىم ئومۇم خەلق ئىچىدە ئاۋازغا قويۇشى ياخشى دېدى.

  ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە ئىشچىلار پارتىيەسى مۇشۇ ئاينىڭ 12- كۈنى تەكلىپ بېرىپ: پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسى تۈنۈگۈن ھۆكۈمەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش قانۇن پىكىرلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئالاھىدە ئاۋازغا قويۇش ياكى قويماسلىق ھەققىدىكى ئاۋاز نەتىجىسى چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولسا دېدى. ئىشچىلار پارتىيەسى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ھۆكۈمەت پارلامېنتقا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش كېلىشىمىنى قاراپ چىقىشقا سۇنسا، ئەنگلىيە باش تەپتىشى كېلىشىمدە ئوتتۇرىغا قويغان قانۇنى پىكىرىنى ئاشكارىلاش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر