باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيەنىڭ سودا ئەمەلدارى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالدى

2018.11.15 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى تاشقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ باش دىرېكتورى فىرىدېرىك يېقىندا جۇڭگو كارخانىچىلار ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە: جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان ۋەزىيەت يارىتىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

  فىرىدېرىك زىيارەتكە كەلگەن جۇڭگونىڭ كارخانىچىلار كۇلۇبىنىڭ نەچچە ئون كارخانا ۋەكىلىگە مۇنداق دېدى: ھازىر گېرمانىيەدە مەبلەغ سالغان جۇڭگو كارخانىلىرى گېرمانىيەدىكى ھەمكارلىق شېرىكلىرىنىڭ باشقۇرۇش مەدەنىيىتىنى قوغداش، مەبلەغ سىجىللىقى ۋە ئىجادچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ئىجابىي تەجرىبىسى بار.

  گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى تاشقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ گېرمانىيەگە مەبلەغ سالغان كارخانىلىرى ئۈزلۈكسىز ئاشقان، مەبلەغ سېلىش تۈرىمۇ يىلدىن يىلغا كۆپىيىپ، گېرمانىيەدىكى ئەڭ مۇھىم مەبلەغ مەنبىيىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر