باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە «خاشۇقجى دېلوسىدىكى ئۈن»نى تۇيۇقسىز ئېلان قىلدى

2018.11.15 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇخبىرى جامال خاشۇقجىنىڭ قەستكە ئۇچراش دېلوسى ھازىرغىچە سۆرۈلۈپ كەلمەكتە. تۈركىيە دېلودىكى ئۈننى سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە تاپشۇرۇپ بەردۇق، دېدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانىنى دېلوغا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە دەۋەت قىلدى، دېدى.

  تەھلىلچىلەر: دېلونىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، تۈركىيە بۇندىن كېيىنمۇ يەنە نۇرغۇن ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىشى مۇمكىن، تۈركىيە، ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۈچ بۇرجەك مۇناسىۋىتىدىكى يىراق-يېقىنلىقتىمۇ سەل-پەل ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارىدى.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيو بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن تېلېفونلاشقاندا: ئامېرىكا خاشۇقجى دېلوسىغا چېتىشلىق بارلىق كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىمۇ جەزمەن شۇنداق قىلىشى كېرەك، دېگەن.

  ئالدىنقى كۈنى، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان: تۈركىيە خاشۇقجى دېلوسىدىكى ئۈننى سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەگە تاپشۇرۇپ بەردى، دېدى. ئۇ شۇ كۈنى سۆزلىگەن تېلېۋىزىيە نۇتۇقىدا: شۈبھىسىزكى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىستانبۇلغا ئەۋەتكەن 15 كىشىلىك ھەرىكەت گۇرۇپپىسى خاشۇقجىنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكى ھەمدە جەسىتىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ، دېدى.

  جامال خاشۇقجى بۇرۇن «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلارنى ماقالە بىلەن تەمىنلىگەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دائىم سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە زىت قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، 59 ياشلىق جامال خاشۇقجى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا بېرىپ توي قىلىش رەسمىيىتى بېجىرگەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى دەسلەپتە جامال خاشۇقجى شۇ كۈنى كونسۇلخانىدىن ئايرىلغان، دېدى، كېيىن گېپىنى ئۆزگەرتىپ ئۇ كونسۇلخانىدىكى بىر جېدەلدە قازا قىلدى، دېدى، كېيىن گېپىنى يەنە ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ قەستلەشتە قازا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 10-ئاينىڭ 23-كۈنى مۇنداق دېدى: مېنىڭچە سەئۇدى ئەرەبىستانى جامال خاشۇقجى قەستكە ئۇچراش دېلوسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىدى، ھەتتا يوپۇرۇشنىمۇ قاملاشتۇرالمىدى.

  جامال خاشۇقجى دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە تاراتقۇلىرى تۈركىيەدە دېلوغا ئالاقىدار ئۈن ماتېرىياللىرى بار، دېدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئەردوغاننىڭ ئۈن ماتېرىياللىرى بارلىقىنى بۈگۈنگە كەلگەندە ئاندىن جاكارلىشى تۈركىيەنىڭ ۋەقەنىڭ رىتىمىنى كونترول قىلىپ، ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا تەدرىجىي بېسىم قىلىپ، ئۆز مەنپەئەتىنى ئەڭ زور چەكتە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  ھازىرغىچە، تۈركىيەنىڭ تاكتىكىسى بەزى ئۈنۈملەرگە ئېرىشتى. بىر جەھەتتە، تۈركىيە دېلو تەپسىلاتىنى مۇشۇنداق رىتىملىق، ئۇدا ئاشكارىلاش ئارقىلىق، ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنى «ئىشنى تېزدىن پۈتتۈرۈش» ۋە «چوڭ ئىشنى كىچىكلىتىش، كىچىك ئىشنى يوق قىلىش» غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. يەنە بىر جەھەتتە، خاشۇقجى دېلوسى توغرىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانى نەچچە قېتىم گېپىنى ئۆزگەرتىپ، ئاخىرىدا بۇنىڭ قەستلەش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپمۇ پوزىتسىيەسىنى بىرقانچە قېتىم ئۆزگەرتىپ، ھە دېسىلا سەئۇدى ئەرەبىستانىنى ئاقلاشتىن ئاشكارا تەنقىد قىلىشقا ئۆتتى. ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان ئوق-دورا سودىسىنى توختىتىش، سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ يەمەندىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە ھەربىي ياردەم بېرىشنى توختىتىش سادالىرى كۈنسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى.

  ئەردوغاننىڭ كۆپ قېتىم ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ دېلو ئەھۋالىنى چۈشەندۈرگەنلىكىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۈركىيە بۇ دېلونى ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار دېلوسى ياكى دىپلوماتىيە ۋەقەسى سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلماستىن، دۆلەتنىڭ ئالىي قاتلىمىغا كۆتۈرۈپ مۇئامىلە قىلدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئامېرىكىغا قارايدىغان بولساقمۇ، دېلونى بىر تەرەپ قىلىش دەرىجىسى ئالىي رەھبەرلەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان يېقىندا ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر رەھبەرلىرىگە ئۆزى تېلېگرامما يوللاپ، ئۇلارغا دېلو ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى؛ تىرامپمۇ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيونى سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا مەخسۇس ئەۋەتىپلا قالماستىن، يەنە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گىنا خاسپېلنى ئىستانبۇلغا بېرىپ ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى.

  ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى چىگىش، مۇرەككەپ بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، خاشۇقجى دېلوسى رايون ۋەزىيىتى ۋە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان پوزىتسىيەسى ۋە قوللانغان ئۇسۇللىرى ئۆز مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن، ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى ئاشكارىلىدى. دېلونىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ يەنە نۇرغۇن ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاش، تۈركىيە، ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر