باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە بىلەن ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە قارىماي داۋاملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

2018.11.15 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە بىلەن ئامېرىكا مۇشۇ ئايدا يېڭىدىن باشلىغان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى داۋاملىق دىققەتنى قوزغىدى. چاۋشيەن ھۆكۈمەت تاراتقۇسى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ بۇ ھەربىي مانېۋىرنى ئەيىبلىدى، بىراق كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ: ھەربىي مانېۋىر داۋاملىشىدۇ، ۋاقتىنچە توختىتىش ئويىمىز يوق دېدى.

  كورېيە بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى كورېيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى پوھېڭغا يېقىن يەردە كۆپ خىل ئەسكەر تۈرىدىكى ئىككى ھەپتىلىك بىرلەشمە مانېۋىرىنى باشلىدى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كىچىك كۆلەمدىكى ھەربىي مانېۋىرى بولۇپ، بۇ يىل 6-ئايدا ۋاقتىنچە توختىتىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئەسلىگە كېلىشى.

  چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى «ئەمگەك خەۋەرلىرى»دە 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كورېيە بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرنى قايتا باشلىغانلىقى ئەيىبلىنىپ: بۇنداق قىلىش چاۋشيەن بىلەن كورېيەنىڭ «19-سېنتەبىر ھەربىي كېلىشىمى»گە خىلاپ دېيىلدى.

  چاۋشيەن تاراتقۇلىرىنىڭ تەنقىدىگە قارىتا كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: كورېيەنىڭ ۋاقتىنچە بۇ مانېۋىرىنى توختىتىش ئويى يوق دېدى.

  كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۈي شيەنيو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: بۇ كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يىللىق قەرەللىك ھەربىي مانېۋىرى بولۇپ، مۇداپىئە خاراكتېرىغا تەۋە، بۇ يىل ئوخشاشلا ئۆتكۈزۈلىدۇ دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر