- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە ئەمەلدارى: ئامېرىكىنىڭ ئىراننى جازالىشى نېفىت بازىرى تەمىناتى يېتەرلىك بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ
2018.11.15 14:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى نوۋاك 11-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەككىز ئىمپورت قىلغۇچى تەرەپ ئىراندىن نېفىت سېتىۋېلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئامېرىكىنىڭ ئىراننى جازالىشى قىسقا مەزگىلدە دۇنيا نېفىت بازىرى تەمىناتى يېتەرلىك بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
«رۇسىيە 24» ئاخبارات قانىلىنىڭ شۇ كۈنى نوۋاكنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر ئاي ئىلگىرى نۇرغۇن تەرەپلەر: ئامېرىكىنىڭ ئىراننى جازالىشى نېفىت بازىرى تەمىناتى يېتەرلىك بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇنىڭدەك بۇ دۆلەتلەر تەمىنات قىسلىقىنى تولۇقلاش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، بۇنداق ئەھۋال يېقىنقى بىر قانچە ئايدا يۈز بەرمەيدۇ دېگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر