باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى

2018.11.15 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى پايتەخت پارىژدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئامېرىكا، روسيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق تەخمىنەن 70 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى مۇرسىمغا قاتناشتى.

  تارىخى ئاچچىق ساۋاقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ ، ئىنسانلارنى تىنچ ، گۈزەل كەلگۈسىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. دۇنيا ۋەزىيىتى تېخىمۇ كۆپ ئېنىقسىزلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، خەلقئارالىق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا ، ھەرقايسى ئەللەر ، كۆپ تەرەپلىكلىكنى ئورتاق قوغداپ ، سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون مۇشۇ ئاينىڭ 9 - كۈنى ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي بىلەن بىرگە فىرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەر ئالبىرتنى زىيارەت قىلىپ ، سوم دەرياسى ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئوفىتسېر ئەسكەرلەرگە تەزىيە بىلدۈردى. مۇشۇ ئاينىڭ 10 - كۈنى، ماكرون گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن پارىژنىڭ شىمالىدىكى كومپىگنې ئورمانلىقىنى زىيارەتكە قىلىپ، بۇندىن 100 يىل ئىلگىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان پويىز ۋاگونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  فىرانسىيە ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇدا بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرغان خاتىرىلەش پائالىيىتى مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارىژ ساڭگىلسياھ چوڭ كوچىسى ۋە زەپەر دەرۋازىسىدا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن قاتارلىق خەلقئارا سىياسىي ئەربابلار قاتناشتى . سائەت 11 دە ، يەنى 1 - دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقىتتا ، بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈلدى .

  مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ماكرون پارىژ تىنچلىق مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى . مېركېل، پۇتىن، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس قاتارلىق مېھمانلار قاتناشتى. تۇنجى نۆۋەتلىك پارىژ تىنچلىق مۇنبىرى ئۇچ كۈن داۋاملاشتى، بۇ يىغىننىڭ قارالمىسى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارالمىسى ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تورنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالدى . ماكرون بۇ مۇنبەرنى سىياسىي ساھەدىكى داۋۇس مۇنبىرىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  فىرانسىيە تەرەپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن،مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جى بىڭشۈەن جۇڭگو تەرەپكە ۋاكالىتەن پارىژ تىنچلىق مۇنبىرى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى .

  تىرامپ فىرانسىيەدىكى مەزگىلىدىكى ماكرون قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى ، ئەمما پۇتىن بىلەن ئايرىم ئۇچراشمىدى ، شۇنداقلا پارىژ تىنچلىق مۇنبىرىگە قاتناشمىدى .

  نۆۋەتتە دۇنيادا ، نارودنىكلىق، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپلىك باش كۆتۈرۈپ چىقتى .1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئالاھىدە تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە .

  چىڭخۇا داشۆسى جۇڭگو فىرانسىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور شى جىچىن مۇنداق دېدى : 1- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولغان ياۋروپا ، نۆۋەتتە نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. ياۋروپا قەرز كىرىزىسى ئاخىرلاشقان ، مۇساپىرلار كىرىزىسى تەدرىجىي بېسىققان بولسىمۇ ، لېكىن سىياسىي ، ئىجتىمائىي جەھەتتە دەز پەيدا بولدى ، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسى يېڭى توسالغۇلارغا يولۇقتى،ياۋروپانىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىستىقبالى ئىشەنچ كىرىزىسىگە ئۇچرىدى.

  ياۋروپادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاۋارىچىلىكى بار . ماكروننىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشى ، مەنپەئەتكە چېتىلغانلىقتىن ، ئەل رايىنىڭ قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتتى. مېركېل مۇساپىرلار سىياسىتى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن يەرلىك سايلامدا ھەدېگەندىلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ، خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتەش ئۈستىدە ئويلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تېرىسا ماي ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىش جەھەتتە ، پارتىيە ئىچى - سىرتىدە كۆپلىگەن بېسىمغا يولۇقتى.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەر يەنە ئامېرىكا ، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ،بولۇپمۇ تىرامپ تەشەببۇس قىلغان ئامېرىكىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان مۇناسىۋەت ئېنىقسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى .

  شى جىچىن مۇنداق دېدى : 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان يۈز يىلدىن كېيىنكى دۇنيادا ، يەر شارىلىشىش ئوڭۇشسىزلىققا ۋە تەتۈر ئېقىمغا ئۇچراپ ، ئەسەبىيلىك ۋە يەكلەش كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. نۇرغۇن دۆلەتنىڭ سىياسىيونلىرى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۇغۇلغان، ياشلار ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان ، تارىخقا بولغان تونۇشى مۈجمەل . شۇڭا ، تەڭپۇڭ بولۇش ۋە سىغدۇرۇشچانلىقنى تەكىتلەپ ، يەر شارىلاشتۇرۇشنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك .

  1- دۇنيا ئۇرۇشى بىر مەيدان زاڭ مالنى بۆلۈشۈش تەكشى بولماسلىق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان جاھانگىرلىك ئۇرۇشى. ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ، نۇرغۇن ياۋروپالىقلارنىڭ كاللىسى سەگەكلەشتى، ئۇلار بۇ بىر بىھۇدە ، ئەخمىقانە ئۇرۇش ، قىرغىنچىلىق قىلىش ، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئورۇنسىز قۇربان بېرىش بولدى دەپ ئۆكۈندى .

  1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، دۇنياغا ھەقىقىي تىنچلىق ئىلىپ كېلەلمىدى . كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەم قىلىدىغان ئورمانلىق قائىدىسى ئۆزگەرمەي، يېڭى ئۇرۇش خەۋپى يوشۇرۇندى. شۇ چاغدا فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ مارشالى خېلىپپى بۇ تىنچلىق ئەمەس ، پەقەت 20 يىل ئۇرۇش توختىتىش دېگەن.

  ئىنسانلار كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ ، ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن، تېخىمۇ ئېغىر تالاپەت ۋە بۇزغۇنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، ئاندىن قاتتىق ھەسرەتلەنگەن ھالدا ، بۇندىن كىيىن ئىنسانلارنى ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بالايىئاپىتىگە يەنە ئۇچرىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇپ ، ئادىل ، مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپنى ئورنىتىشقا تۇتۇش قىلغان.

  تارىخى ساۋاقلارنى ئۇنۇتقاندا ئۇ قايتىلىنىدۇ . بۈگۈنكى دۇنيادا يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇرۇش ئازابىنى تارتماقتا. نارودنىكلىق، بىر تەرەپلىك باش كۆتۈرمەكتە . بەزى دۆلەتلەرنىڭ مۇتەئەسسىپ بېكىنمىلىك، يەككىچىلىك خاھىشى بارغانسېرى ئېغىرلاپ كەتتى . ھاكاۋۇر، بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە ئۆچمەنلىك يەنە قارشىلىشىش، تىركىشىش ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

  خەلقئارا جەمئىيەت تارىخىي ساۋاقلارنى چوڭقۇر قوبۇل قىلىپ ،ئاسان قولغا كەلمىگەن تىنچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ ۋە قوغداپ ، خەلقئارا تالاش - تارتىشلارنى سۆھبەت ئارقىلىق كېڭىشىپ ھەل قىلىشىدا ، كۆپ تەرەپلىكتە چىڭ تۇرۇپ ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقىنى قوغدىشى كېرەك .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر