باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى:

ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش لازىم

ۋاڭ خۇنىڭ ۋە خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2018.11.15 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 14- نويابىر چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى ھەم شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى تەبرىكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، كەڭ كادىر ۋە ئاممىنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ زور ئەھمىيىتى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق تونۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىگىلەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش باش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ ۋە خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، «خەينەن ئۆلكىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەلقئارا ساياھەت ئىستېمالى مەركىزى قۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «خەينەننىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار مالىيە-باج سىياسىتىنى يولغا قويۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى لايىھە»، «خەينەننىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۇنىۋېرسال مالىيە ياردەم مەبلىغى بىلەن قوللاش توغرىسىدىكى باشقۇرۇش چارىسى»، «خەينەندىكى ئارالدىن ئايرىلغان ساياھەتچىلەرنىڭ باجسىز مال سېتىۋېلىش سىياسىتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»، «بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ چېكىنىپ چىقىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش لايىھەسى»، «ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»، «دۆلەت كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكىنى يېتىلدۈرۈش قەرەللىك ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئاساسىي قاتلام تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتى قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچىنى بىرىكتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «نەشر قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «دۆلەت دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى» ۋە «بېيجىڭ شەھىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش» قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر