باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى

2018.11.15 14:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي مۇشۇ ھەپتە كابىنېت يىغىنى ئېچىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىش سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرمەكچى بولدى.

  تاراتقۇلارنىڭ تېرىسا ماي ياۋروپا ئىتتىپاقى نۇسخىسىدىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» تولۇقلىما لايىھەسىگە قوشۇلۇپ، ئىرېلاندىيە دېڭىزىدا «تاموژنا چېگراسى» ھاسىل قىلىشى مۇمكىن دېگەن خەۋىرىگە قارىتا، تېرىسا ماي قاراشلىق كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى «ياۋروپادىن گۇمانلىنىدىغانلار» ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقدىشى شىمالىي ئىرېلاندىيە دېموكراتىك بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيەسى بىلەن بىرلىشىپ بۇنداق قىلىشقا ھەرگىز قوشۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇنىڭغا ئاخىرقى ئۇلتىماتوم چىقاردى.

  ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مەمۇرىي ئەمەلدارى بېك بىلەن شىمالىي ئىرېلاندىيە دېموكراتىك بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ۋىلسون ئەنگلىيە «يەكشەنبىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى»دە بىرلىشىپ ماقالە ئېلان قىلىپ، كېلىپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولغان «ئىرېلاندىيە دېڭىز چېگراسى» ماددىسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بىز باش ۋەزىرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش قارارىنى چۈشىنىمىز، لېكىن بەدەل تۆلەشتىن ئايانماسلىق كېرەك، ناۋادا ھۆكۈمەت ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ياخشىچاق بولۇشنى ئاۋۋال ئويلىشىپ، ئەنگلىيەنىڭ مۇستەقىللىقى، مۇكەممەللىكىنى قۇربان قىلسا، تارىخىي خاتالىق سادىر قىلغان بولىدۇ، بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق، بىز چوقۇم قارشى ئاۋاز بېرىمىز.

  بېك قاراشلىق «ياۋروپادىن گۇمانلىنىدىغانلار» لاگېرىدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ تەخمىنەن 80 پارلامېنت ئەزاسى بار. كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بولۇپ، پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدا ئىگىلىگەن ئورنى يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ، بۇ پارتىيە شىمالىي ئىرېلاندىيە دېموكراتىك بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيەسى بىلەن بولغان ئىتتىپاققا تايىنىپ، ئاجىز ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ كەلمەكتە.

  ئەنگلىيە «تايمېس گېزىتى»نىڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاشكارىلىشىچە، تېرىسا ماينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش نۇسخىسىدىكى تولۇقلىما لايىھىگە قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن، ناۋادا ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىنى ۋاقتىدا ھاسىل قىلالمىسا، ئىرېلاندىيە دېڭىزىدا «تاموژنا چېگراسى» تەسىس قىلىنىشى مۇمكىنكەن.

  شىمالىي ئىرېلاندىيە ئىرېلاندىيە ئارىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىرېلاندىيە بىلەن تۇتۇشىدۇ. ئەنگلىيە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان»دىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي ئىرېلاندىيە رايونى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئىرېلاندىيەنىڭ چېگراسى ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئارىسىدىكى بىردىن بىر قۇرۇقلۇق چېگراسىغا ئايلىنىدۇ. ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىرېلاندىيە بۇندىن بۇرۇن ئەنگلىيە بىلەن ئىرېلاندىيە چېگراسىدا ئەمەلىي چېگرا تاموژنا تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى يەنى «قاتتىق چېگرا»نى قايتىدىن تەسىس قىلىشتىن ساقلىنىشقا قوشۇلغان، بىراق ئىككى تەرەپ «قاتتىق چېگرا»دىن ساقلىنىدىغان كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلار ھەققىدە ھازىرغىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلمىغان.

  ئەنگلىيە «يەكشەنبىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇندىن بۇرۇن ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىۋاتقان ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» تولۇقلىما لايىھەسىدە ناۋادا 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»نىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلى ئاياغلاشقان ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە كېلىشەلمىسە، تولۇقلىما لايىھەسى يولغا قويۇلۇپ، ئەنگلىيەنىڭ بارلىق رايونلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن «ۋاقىتلىق» تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىنى ساقلاپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ دەپ تەلەپ قىلىنغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى شىمالىي ئىرېلاندىيە رايونىدا «تولۇقلىما لايىھەنىڭ تولۇقلىما لايىھەسى»نى مەخسۇس تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلدى، يەنى ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى بۇزۇلۇپ كەتكەندە، شىمالىي ئىرېلاندىيە داۋاملىق ياۋروپا ئىتتىپاقى تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىدا قېپ قالىدۇ.

  تېرىسا ماي ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئۇ رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ھەمدە شىمالىي ئىرېلاندىيە دېموكراتىك بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا ئىزچىل تىرىشىپ كەلدى. ئەنگلىيە تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مەمۇرىي ئەمەلدارى، سابىق دىپلوماتىيە ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭ ئىنىسى جاۋ جونسون 11-ئاينىڭ 9-كۈنى تېرىسا ماينىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» لايىھەسىگە قارشى تۇرۇپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»نى ئىككىنچى قېتىم ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش سەۋەبلىك ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، تېرىسا ماي «ساختا ھالەت» پەيدا قىلدى دەپ رەددىيە بەردى.

  ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيە لىبورىسلار پارتىيەسىنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرى سىياسىتى مەسئۇلى سوئىنبورىي 11-ئاينىڭ 11-كۈنى: تېرىسا ماي ناۋادا پارتىيە ئىچىدىكى ئىختىلاپنى بىر تەرەپ قىلالمىسا، لىبورىسلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتا ئۆزىنىڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىشىدىن ئۈمىد كۈتمىسۇن، ناۋادا تېرىسا ماي پارلامېنتتىكى ئاۋاز بېرىشتە مەغلۇپ بولسا، بىز تۇنجى قەدەمدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىمىز دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر