- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سەئۇدى ئەرەبىستانى: كېلەر يىلى بىرلىكتە مەھسۇلاتىنى كېمەيتىمىز
2018.11.15 14:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەمەلدارى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇنداق دېدى: تەمىناتنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ، ئىمكانغا قەدەر مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە بۇ تەشكىلاتتىن باشقا نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەر كېلەر يىلى نېفىت كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارىنى تەخمىنەن بىر مىليون تۇڭ ئازايتىشقا بىردەك قوشۇلدى.
نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە بۇ تەشكىلاتتىن باشقا نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدە يىغىن ئېچىپ، نېفىت مەھسۇلاتى ۋە باھاسىنى كېڭەشتى.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئېنېرگىيە ۋەزىرى خالىد فالىخ مۇنداق دېدى: يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىردەك نېفىت ئامبار زاپىسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلەپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك دەپ قارىدى.
ئۆتكەن بىر ئايدا، خەلقئارادا نېفىت باھاسى تەخمىنەن 20 پىرسەنت چۈشۈپ كېتىپ، 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سەل ئۆرلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر